UyghurWiki
UyghurWikiنەمەۋاكسىنا دېگەن نېمە؟

ۋاكسىنا دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن ئادەتتە كىشىلەر ئېيتىدىغان ۋاكسىنا كەڭ مەنىدىكى ۋاكسىنىنى كۆرسىتىدۇ. مۇداپىئە ئەملەشتىكى ئىشلىتىلىدىغان بىئولوگىيىلىك بۇيۇملار، يەنى مىكرو ئورگانىزم ياكى مىكرو ئورگانىزم توكسىنى، ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ قان زەردابى قاتارلىقلاردىن تەييارلانغان ئالدىنى ئېلىش، دىئاگنوز ۋە داۋالاش بىلەن تەمىنلەشتە ئىشلىتىلىدىغان ياسالمىلار. بۇ بىئولوگىيىلىك بۇيۇملار ۋاكسىنا، باكتېرىن ۋە توكسوئىدنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋاكسىنا (تار مەنىدىكى ۋاكسىنا) ۋىرۇس ياكى رىككېتسىيەدىن ياسالغان بولۇپ، ئىنچىكە ئايرىسا ئۆلۈك ۋاكسىنا ۋە زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. مەسىلەن: قارا كېزىك ۋاكسىنىسى، غالجىر كېسىلى ۋىرۇسى باكتېرىيىسى قاتارلىقلار ئۆلۈك ۋاكسىنا. چېچەك ۋاكسىنىسى، يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىسى، تارقىلىشچان قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى ۋاكسىنىسى، قىزىل ۋاكسىنىسى بولسا زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا. باكتېرىن باكتېرىيىدىن ياسالغان بولۇپ، ئۇ يەنە ئۆلۈك باكتېرىن ۋە تىرىك باكتېرىن دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئۆلۈك باكتېرىن ئادەتتە ئىممۇنېتىتلىقى ياخشى بولغان باكتېرىيىنى تاللاپ ئۇنى ئۆلتۈرۈشتىن ياسالغان. مەسىلەن: خولېرا، كۆكيۆتەل، ئىلمەك ئۇچلۇق بۇرغىسىمان تەنچە باكتېرىنى قاتارلىقلار. بۇ خىل مەھسۇلاتلار بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن كۆپىيەلمەيدۇ. شۇڭا كۆپ قېتىم قايتا - قايتا ئوكۇل قىلىش ئارقىلىق ئاندىن بىر ئاز يۇقىرى ۋە ئۇزۇنغا داۋاملىشىدىغان ئىممۇنىتېت كۈچىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. تىرىك باكتېرىن ئادەتتە <زەھەرسىز> ياكى زەھىرى ئىنتايىن تۆۋەن، ئەمما ئىممۇنىتېتلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان تىرىك باكتېرىيىدىن ياسالغان. مەسىلەن: تۇبېركۇليوز، چۇما تىرىك باكتېرىنى قاتارلىقلار. بۇ تۈردىكى باكتېرىنلار بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ئۆسۈپ كۆپىيەلەيدۇ، بەدەنگە تەسىر قىلىش ۋاقتى ئۇزۇن، شۇڭا ئىممۇنىتېت ئۈنۈمى ياكى ئىممۇنىتېتنى داۋاملاشتۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇن. توكسوئىد بولسا باكتېرىيە ھاسىل قىلغان ئېكسوتوكسىننى زەھەرسىزلەندۈرۈش ئارقىلىق ياسالغان. توكسوئىد بەدەنگە نىسبەتەن زەھەرسىز، ئوكۇل قىلىنغاندىن كېيىن بەدەنگە تەسىر قىلىپ توكسىنغا قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىنى ھاسىل قىلىدۇ مەسىلەن: بوغما، تېتانۇس توكسوئىدى قاتارلىقلار.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ۋاكسىنا دېگەن نېمە؟ | UyghurWiki | UyghurWiki