UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاقلارغا سۇنى كۆپ بېرىۋېتىشنىڭ قانداق ]خەتىرى بار؟

بوۋاقلارغا سۇنى كۆپ بېرىۋېتىشنىڭ قانداق ]خەتىرى بار؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاققا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ تولۇقلاپ بېرىش ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن پايدىلىق، لېكىن دەل كىشىلەرنىڭ دائىم <شەيئىلەر راۋاجلىنىپ چېكىگە يەتكەندە چوقۇم ئەكسىگە ئۆزگىرىدۇ> دېگىنىدەك، بوۋاققا زىيادە كۆپ سۇ بېرىش بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز بولۇپلا قالماي يەنە بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سالىدۇ. ئاساسلىق ئىپادىسى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ: ① بۆرەكنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ. بوۋاق تېنىدىكى ئارتۇقچە سۇ كۆپىنچىسى بۆرەك ئارقىلىق سۈيدۈك شەكلىدە بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشقا موھتاج، ئەگەر تولۇقلانغان سۇ مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، مۇقەررەر ھالدا بۆرەكنىڭ ۋەزىپىسىنى ئارتتۇرۇۋېتىدۇ. ② ئاشقازان ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. سۇنى كۆپ بېرىۋەتكەنلىكتىن بوۋاقنىڭ ئاشقازىنىدىكى ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەنلەپ، ئاشقازاننىڭ ۋەزىپىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغاندىن كېيىن ئاشقازان شىلىمشىق پەردىسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ ھەتتا ئاشقازان ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 3. پات - پات سىيىش ياكى سىيىپ يېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بوۋاق بالىلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسى مۇكەممەل يېتىلمىگەنلىكتىن سۈيدۈك ئاجرىتىش ئىقتىدارىمۇ مۇكەممەل بولمايدۇ. بەك كۆپ مىقداردا سۇ بەرگەندە پات - پات سىيىش ياكى سىيىپ يېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 4. سۇدىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بىر قېتىم ياكى ئارقا - ئارقىدىن كۆپ قېتىم بەك كۆپ مىقداردا سۇ تولۇقلىسا، بۆرەك ئۇلارنى ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىشكە ئامالسىز قېلىپ، كۆپ مىقداردىكى سۇ بەدەندە ساقلىنىشتىن سۇدىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. يېنىكلىرىنىڭ ئىپادىسى چارچاپ ھالسىز بولىدۇ. ئېغىر بولغاندا ئەس - ھوشى خىرەلىشىش، تەپەككۇرى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئەمما بۇنداق ئەھۋال نىسبەتەن ئاز. شۇ سەۋەبتىن بوۋاقلارغا سۇنى قانچە كۆپ تولۇقلىسا شۇنچە ياخشى بولماستىن، مۇۋاپىق مىقداردا تولۇقلاش بىلەن چەكلىنىش كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە
بوۋاقلارغا سۇنى كۆپ بېرىۋېتىشنىڭ قانداق ]خەتىرى بار؟ | UyghurWiki | UyghurWiki