يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نەپەسلىنىش سىستېمىسىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كۆزى يورۇغاندىن كېيىن ئاۋاز، كۈن نۇرى قاتارلىق مۇھىت ئامىلى ھەم ئاغرىش، سوغۇق قاتارلىق سەزگىلى بولىدىغان ئامىللارنىڭ رولى ئاستىدا، مۇستەقىل ھالدا بىرىنچى قېتىم نەپەسلىنىشنى باشلايدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نەپەسلىنىشى ئاساسلىق دىئافراگمىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ چۈشۈشىگە تايىنىپ ئېلىپ بېرىلىپ، قورساقچە نەپەسلىنىدۇ. نەپەسلىنىشى تېيىزراق، رىتىمى ئېنىق ئەمەس، لېكىن قېتىم سانى كۆپ، تۇغۇلۇپ بىر سائەت ئىچىدىكى نەپەسلىنىش قېتىم سانى ھەر مىنۇتىغا 60 ~ 80 قېتىمغا يېتىپ، بەدەن ئىچىدىكى ھاۋا ئالمىشىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. ئۆپكە قىسمدىن دۇمباق تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ، نەپەسلىنىش قېتىم سانىنىڭ بارا - بارا تۆۋەنلەپ 40 قا چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، ئۆپكىدىكى دۇمباق تاۋۇشى يوقايدۇ.