يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار نېمە ئۈچۈن بارمىقىنى شوراشقا ئامراق؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تېگىش سېزىمى ئىقتىدارىغا ئىگە، بارماق بىلەن لەۋ بوۋاقلار تېگىش سېزىمىنىڭ ئەڭ سەزگۈر قىسمى. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار يۇمشاق نەرسىلەر بىلەن ئۇچرىشىشقا ئامراق، مەسىلەن: ئانىنىڭ ئەمچىكى ياكى ئۆزىنىڭ كىچىك قولى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بارمىقىنى شوراش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تېگىش سەزگۈسىنى ھەم بىلەك ياكى بارمىقىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى قانائەتلەندۈرىدۇ. ئۇلترا ئاۋازلىق تەسۋىر كۆرسەتكۈچ ئارقىلىق ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى 24 ھەپتىدە ھامىلىنىڭ باش بارمىقىنى شوراش ھەرىكىتى بارلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. شۇڭا، ئاتا - ئانىلار بوۋاقنىڭ بارماق شوراش ھەرىكىتىنى مەجبۇرىي چەكلىمەسلىك، لېكىن بوۋاقنىڭ قولىنى يۇيۇپ، تازىلىقىنى ياخشىلاش كېرەك. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بوۋاقلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىش دائىرىسى چوڭىيىپ، تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقلىشىش مەزمۇنى موللىشىپ، بۇ خىل بالىلارچە قىلىقى بارا - بارا يوقايدۇ.