بوۋاقلارنىڭ ئىچى سۈرۈشنىڭ سەۋەبلىرى قايسىلار؟
نېمە ئۈچۈن
كىچىك بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈشنىڭ كېسەللىنىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە كۆپ خىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك بولۇپ، گىرىپتار بولغۇچى بالىلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ئىككى ياشتىن كىچىك بوۋاقلار، 6 ~ 11 ئايلىق بوۋاقلاردا تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئىچى سۈرۈشتىكى كۆپ كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەر:
1. يېمەك - ئىچمىكى پاكىز بولماسلىق. سۈت ئېمىتىش ئەسۋابلىرى ۋە قاچا - قۇچىلار پاكىز يۇيۇلۇپ، تەلتۆكۈس دېزىنفېكسىلەنمىگەنلىكتىن باكتېرىيە قاتارلىقلارنىڭ بۇلغىشىغا ئۇچراپ، بوۋاق پاكىز بولمىغان يېمەكلىكنى يەۋېلىپ، ئاشقازان - ئۈچەي يولى يۇقۇملىنىشتىن ئىچى سۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ.
2. پەسىل خاراكتېرلىك ئامىل. بەزى بوۋاقلار تۇنجى قېتىم ياز، كۈز پەسلىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقاچقا، بۇ ۋاقىتتا يېمەكلىكتىكى كېسەللىك باكتېرىيىسى كۆپرەك، بەدەن تېخى بەزى كېسەللىك باكتېرىيىسىگە نىسبەتەن ئانتىتېلا شەكىللەندۈرۈپ بولالمىغانلىقتىن، ئاسانلا يۇقۇملىنىپ ئىچ سۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ. يازدا ئىچى سۈرۈش ئادەتتە باكتېرىيە يۇقۇملاندۇرۇش ئارقىلىق كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ كۆپىنچە شىلىمشىق تەرەت كېلىپ، بەتبۇي پۇراققا ئىگە بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. كۈز پەسلىدىكى ئىچى سۈرۈشى كۆپىنچە چاقسىمان ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، سۇدەك چوڭ تەرەت كۆپ كۆرۈلىدۇ، لېكىن سېسىق پۇراق بولمايدۇ.
③ بېقىش مۇۋاپىق بولماسلىق. يېگەن تامىقى بەك كۆپ ياكى قېتىم سانى بەك كۆپ بولۇش. ئاشقازان ئۈچەينىڭ ۋەزىپىسىنى ئېغىرلىتىۋېتىپ، يېمەكلىك تولۇق سۈمۈرۈلمەيدۇ. ئوزۇقلىنىش قەرەللىك بولمىغاندا، ئاشقازان - ئۈچەي قەرەللىك ھالدا ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىش شارائىت رېفلېكسى شەكىللەندۈرەلمەي ۋە ئورگانىزمنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاش قاتارلىقلاردىن ئىچ سۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ.
4. باشقا كېسەللەرنىڭ ئىچ سۈرۈش كەلتۈرۈپ چىقىرىشى. بوۋاق زۇكام، جىگەر ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغاندىمۇ ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
5. چوڭلاردىن يۇقۇش. ئەگەر چوڭلارنىڭ ئىچ سۈرۈپ قېلىپ شەخسىي تازىلىقىغا ئەھمىيەت بەرمىسىمۇ ئاسانلا بالىلارغا يۇقتۇرۇپ قويىدۇ. ئىچ سۈرۈشنىڭ كېسەللىنىش نىسبىتى جىددىي نەپەسلىنىش يولى يۇقۇملىنىشنىڭ ئارقىسىدىلا بولۇپ، ئەگەر ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا ئۆلۈش نىسبىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى.