UyghurWiki
UyghurWikiنەمەسىناق قەغىزى بىلەن سىناش ئارقىلىق ھامىلىدار بولغان - بولمىغانلىقىغا توغرا ھۆكۈم قىلغىلى بولامدۇ؟

سىناق قەغىزى بىلەن سىناش ئارقىلىق ھامىلىدار بولغان - بولمىغانلىقىغا توغرا ھۆكۈم قىلغىلى بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھەيز نورمال كەلگەن ئاياللارغا نىسبەتەن، ھەيزنىڭ كېلىش ۋاقتى كېچىكىپ قېلىش تۈپەيلىدىن ھامىلىدار بولۇپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلسە، سىناق قەغىزى ئارقىلىق تەكشۈرگەندە، ئاساسەن مۇسبەت چىقىدۇ. بىراق بۇ سىناق قەغىزىنى ئىشلەتكەندە، سېزىمچانلىق يۇقىرى بولۇشى، سىناق قەغىزى يېڭى بولۇشى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى مۇۋاپىق، توغرا بولۇشى شۇنداقلا بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەيزنىڭ كېلىشى نورمال بولغان بولۇشى كېرەك. دورا دۇكانلىرىدا سېتىلىدىغان بۇ خىل سىناق قەغەزلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى بىر قېتىملا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، قايتا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال، چوقۇم ئىشلىتىش ئۇسۇلى چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئوقۇش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، بەزىدە ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىمۇ مەنپىي ھادىسىلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقنى بالدۇر بايقاشقا ياردىمى بولسىمۇ، بىراق ھامىلىدارلىق ئەھۋالى نورمالمۇ ئەمەسمۇ؟ نورمال بولمىسا مەخسۇس تەكشۈرتۈش كېرەكمۇ - يوق؟ بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
سىناق قەغىزى بىلەن سىناش ئارقىلىق ھامىلىدار بولغان - بولمىغانلىقىغا توغرا ھۆكۈم قىلغىلى بولامدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki