UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئانا سۈتى خاراكتېرلىك سېرىقلىق چۈشۈش دېگەن نېمە؟

ئانا سۈتى خاراكتېرلىك سېرىقلىق چۈشۈش دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن ئانا سۈتى خاراكتېرلىك سېرىقلىق چۈشۈش كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ساپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىدىغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا يۈز بېرىدۇ. يۈز بېرىش نىسبىتى 2% ~ 0.5%. كۆپىنچىسى تۇغۇلۇپ تۆت كۈندىن يەتتە كۈنگىچە سېرىقلىق چۈشۈش كۆرۈلىدۇ. ئىككى ھەپتىدىن ئۈچ ھەپتىگىچە يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسى سېرىق بولغاندىن سىرت ئېمىشى نورمال، روھىي ھالىتى ياخشى، ئۇيقۇسى نورمال بولۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئانا سۈتى خاراكتېرلىك سېرىقلىق چۈشۈشنىڭ تېخى ئېنىق ھۆكۈمى يوق. ھازىرچە ئانا سۈتىدىكى β - گلۇكورونىك كىسلاتا گلوكوزىر ئاكتىپلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بىلىرۇبىن ئۈچەي يولىدا قايتا سۈمۈرۈلۈشى كۈچىيىشتىن كېلىپ چىققان دەپ قارالماقتا. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى توختىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. داۋاملىق ئېمىتىۋەرسە بىر ئايدىن تۆت ئايغىچە سېرىقلىق ئاستا - ئاستا يوقايدۇ. ئەگەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ سېرىقلىقى ئېنىق بولسا، ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ، سۈنئىي بېقىشقا ئۆزگەرتىش، سېرىقلىق يوقىغاندىن كېيىن يەنە داۋاملىق ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا بولىدۇ. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئەگەر ئانا سۈتى توختىتىلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن سېرىقلىق يەنىلا كۆرۈنەرلىك ئازايمىسا، چوقۇم ئاكتىپ ھالدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئانا سۈتى خاراكتېرلىك سېرىقلىق چۈشۈش دېگەن نېمە؟ | UyghurWiki | UyghurWiki