نېمە ئۈچۈن قۇياشتىمۇ شامال چىقىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تۇرمۇشتا ھەر بىرىمىز مۇنداق تەجرىبىنى باشتىن كەچۈرگەن: شامالغا قارشى ماڭغان چېغىمىزدا، چېچىمىز ئارقىغا يەلپۈنىدۇ، شامالغا ئوخشاش يۆنىلىشتە ماڭغان چېغىمىزدا، چېچىمىز ئالدىغا يەلپۈنىدۇ. ئۇۇزن قۇيرۇقى بار بىر دانە قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز قۇياشقا يېقىنلاشقان چاغدا، گوياكى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ بېشى قۇيرۇقىنى تارتىپ ئالدىغا مېڭىۋاتقاندەك، ئۇنىڭ قۇيرۇقى ھەمىشە قۇياشقا قارشى تەرەپتە تۇرىدۇ؛ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز قۇياشتىن يىراقلاشقان چاغدا، گوياكى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ قۇيرۇقى ئۇنىڭ بېشىنى تارتىۋاتقاندەك، ئۇنىڭ قۇيرۇقى يەنىلا قۇياشقا قارشى تەرەپتە تۇرىدۇ.
بۇ ھادىسىگە ئاساسەن، كىشىلەر خېلى بۇرۇنلا قۇياشتىمۇ <شامال چىقامدىغاندۇ؟> دەپ قىياس قىلىشقان ھەمدە ئۇنى <قۇياش شامىلى> دەپ ئاتىغاندى. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىنىڭ بېشىدا، كىشىلەر سۈنئىي ھەمراھ قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بارغان كۆزىتىشلەر ئارقىلىق، قۇياش شامىلىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.
قۇياش شامىلى زادى قەيەردىن كېلىدۇ؟ قۇياشنىڭ ئەڭ سىرتقى قەۋىتىدىكى قۇياش تاجىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نەچچە مىليون گرادۇسقا يېتىدۇ. ئۇنىڭدىكى ماددىلارنىڭ ھەرىكىتى ئىنتاين تېز بولۇپ، ھەمىشە ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم زەررىچىلەر ئۈزلۈكسىز ھالدا قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، توختاۋسىز رەۋشتە تۆت ئەتراپقا تارقىلىپ تۇرىدۇ. قۇياش شامىلى مانا شۇنىڭدىن شەكىللىنىدۇ. قۇياش شامىلىنى تەشكىل قىلىدىغىنى بەزى زەرەتلىك زەررىچىلەر، مەسىلەن، پروتون ۋە ئېلېكترون قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. قۇياش شامىلى يەر شارىغا يېقىنلاپ كەلگەن چاغدا، ئۇنىڭ سۈرئىتى تەخمىنەن 450 Km/s بولىدۇ. ۋەھالەنكى يەر شارىدا چىققان 12 بال تەيفېڭ بورىنىنىڭمۇ سۈرئىتى 40 m/s تىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. مۇشۇنچىۋالا كۈچلۈك <شامال> نى بېز نېمە ئۈچۈن سېزەلمەيمىز؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، قۇياش شامىلى ئىنتايىن شالاڭ بولۇپ، ھەر كۇب مېتىر ھەجىمدىمۇ ئاران بىر ~ ئون دانە پروتون بولىدۇ، دېمەك، قۇياش شامىلى تەجرىبىخانىلاردا ھاسىل قىلىنغان ۋاكۇئۇم بوشلۇقتىنمۇ بەك <ۋاكۇئۇم> دۇر.