نېمە ئۈچۈن چوڭ شەھەرلەردە مەلۇم نىسبەتتە يېشىللىق بەرپا قىلىنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەردىكى چوڭ شەھەرلەر كۆپىنچە سانائەت تەرەققىي تاپقان، ئاھالىسى زىچ جايلار ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ جايلاردا ھاۋا دائىم زىيانلىق گازلارنىڭ بۇلغىشىغا ئۇچرايدۇ، مەسىلەن، ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە ھەر ئايدا پەقەت ئادەملەرنىڭ نەپەسلىشىدىنلا چىققان كاربون (Ⅳ)- ئوكسىدى 350 مىڭ توننا ئۆپچۆرىسىدە بولۇپ، ئۇنىڭغا زاۋۇت، ئاپتوموبىل قاتارلىقلادىن چىققان كاربون (Ⅳ)- ئوكسىدىنى قوشقاندا جەمئىي 4 مىليون توننىغا يېتىدۇ. ئەتراپ تۇتۇق، ھاۋانى تۇمان قاپلىغان كۈنلەردە، توكيو ئاسمىنىدىكى ھاۋا خۇددى ئۇيۇپ قالغاندەك بولۇپ، ئادەمنىڭ دېمى سىقىلىپ، يۆتىلىپ كانىيى ئاغرىپ، تولىمۇ قىينىلىدۇ.
ئەگەر چوڭ شەھەرلەردە مەلۇم نىسبەتتە يېشىللىق بەرپا قىلىنسا، شەھەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىغىلى بولىدۇ. يېشىل ئۆسۈملۈكلەر قۇياش نۇرى ئاستىدا فوتوسىنتېز ئېلىپ بېرىپ كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىنى سۈمۈرۈپ، ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدۇ. ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا بىر گېكتار كۆلەمدىكى تېرەك، سۆگەت، تۇخۇمەك دەرەخلىرى كۈنىگە بىر توننا كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىنى سۈمۈرۈپ، 0.73 توننا ئوكسىگېن چىقىرىپ، 1000 ئادەمنىڭ نەپەسلىنىشىنى تەمىن ئېتىدىكەن. يېشىل ئۆسۈملۈكلەر كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىنى سۈمۈرۈۋالغاندىن باشقا يەنە گۈڭگۈرت (Ⅳ) - ئوكسىدىنى ۋە فتور، خلور قاتارلىق زىيانلىق ماددىلارنىمۇ سۈمۈرۈۋالىدۇ؛ بىر گېكتار يەردىكى تېرەك ئورمىنى يىلغا 700 كىلوگرام كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىنى سۈمۈرۈۋالالايدۇ. يېشىل ئۆسۈملۈكلەر خۇددى تەبىئىي توزان سۈمۈرگەچكە ئوخشىشىدۇ، ھەر بىر گېكتار ئورمان يىلىغا 50 - 80 توننا چاڭ - توزاننى ئۆزىگە تارتىۋالىدۇ. يېشىل ئۆسۈملۈكلەر كۆپ خىل باكتېرتىسىدىنلارنى ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ، بۇ خىل باكتېرتىسىدىنلار باكتېرىيىلەرنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى ۋە كۆپىيىشىنى تورمۇزلايدۇ، بەزىلىرى يەنە باكتېرىيىلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئېرىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يېشىل ئۆسۈملۈكلەر ھاۋادىكى نەمپىي ئىئونلارنىڭ مىقدارىنى ۋە يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىغا قارىتا قوشۇمچە داۋالاش رولىغا ئىگە. يېشىل ئۆسۈملۈكلەر يەنە خۇددى ئاۋاز يوقاتقۇچىغا ئوخشىشىدۇ، 40 مېتىر كەڭلىكتىكى بىر ئورمان بەلۋېغى شاۋقۇننى 15 - 20 دېتسىبېل تۆۋەنلىتىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ھەر قايىسى ئەك ھۆكۈمەتلىرى يېشىللاشتۇرۇش ۋە ئورمان بىنا قىلىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، يېشىللىقنى <شەھەرنىڭ مۇھىت ئاسراش مۇھاپىزەتچىسى> دەپ ئاتاشماقتا.