UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكۆچمە تېلېفون يۆتكىلىش جەريانىدا قانداق ئالاقىلىشىدۇ؟

كۆچمە تېلېفون يۆتكىلىش جەريانىدا قانداق ئالاقىلىشىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كۆچمە تېلېفون يانفون دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۇرمۇش رېتىمى تولىمۇ تېزلەشكەن بۈگۈنكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا يانفۇن ئىشلىتىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. يېڭى تىپتىكى بۇ خىل يانفون ئىقتىدارى كۆپ بولۇش، ئىشلىتىشكە قۇلايلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئادەتتىكى تېلېفون ئورنىنى باسالمايدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇنداقتا، يانفۇن يۆتكىلىش جەريانىدا قانداق ئالاقىلىشىدۇ؟ سىز مەلۇم بىر جايدا تۇرۇپ يانفۇن بىلەن تېلېفون ئۇرسىڭىز، سىگنال ھەرگىزمۇ مۇقىم تېلېفونغا ئوخشاش، تېلېفون سىمى ئارقىلىق تارقالمايدۇ. چۈنكى يانفۇننىڭ سىمى بولمايدۇ. يانفۇن ئۆزىدىكى ئانتېننا ئارقىلىق ئۆزىدىن رادىئو سىگنالى چىقىرىدۇ. ئاندىن كېيىن يانفۇننىڭ مۇلازىمەت دائىرىسى ئىچىدە ھەر قايسى ئاساسىي ئىستانسىلار بىرلا ۋاقىتتا سىز تارقاتقان سىگنالنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن ئاساسىي ئىستانسىلار ئۆزلىرى مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان چاستوتىلىق رادىئو سىگنالى ئارقىلىق مەركىزىي ئىستانىسىغا يوللايدۇ. مەركىزىي ئىستانسا ھەر قايسى ئاساسىي ئىستانسا سىگناللىرىنىڭ تورغا كىرىش سالاھىيىتى، ئىشلىتلىش ھوقۇقى ۋە شەرتلىرىنى بىر - بىرلەپ ئايرىپ چىقىدۇ. تورغا كىرىش رۇخسەت قىلىنغاندىن كېيىن، مەركىزىي ئىستانسا يەنە ھەر قايسى ئاساسىي ئىستانسىلار قوبۇل قىلغان يانفۇن سىگناللىرىنىڭ ئېلېكتر مەيدانىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنى سېلىشتۇرۇپ، يانفون سىگنالىنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئاساسىي ئىستانسىنىڭ مەزكۇر يانفۇن بىلەن ئالاقىلىشىش مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشقا توختىتىپ قويىدۇ. ئەگەر يانفۇندا يۆتكىلىپ ئالاقىلىشىلگەن ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ. يانفۇن ئەڭ يېقىن بولغان يەنە بىر ئاساسىي ئىستانسا قوبۇل قىلغان يانفۇن سىگنالى كۈچەيگەن چاغدا، مەركىزىي ئىسانسا ئاساسىي ئىستانسىغا يېڭى بۇيرۇق يوللايدۇ. ئىشلىتىش دائىرىسى مەزكۇر يانفۇننىڭ تورىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەسىدىن ھالقىپ كەتكەندە، يانفۇننى <سەييارە> قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش، يەنى يېڭى مۇلازىمەت رايونى تورىغا مەلۇم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇ جاينىڭ روخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن تورغا كىرىپ ئالاقىلىشىشكە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە