ۋىرۇسلۇق مېڭە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ۋىرۇسلۇق مېڭە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
1. زۇكام بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇ بالىلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش بولۇپ، يېمەك - ئىچمەكنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى، ئوزۇقلۇقنىڭ مول بولۇشى تەكىتلىنىدۇ. كۆپ ئاپتاپقا قاقلىنىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئۆينىڭ مۇھىتى ۋە تازىلىقىغا دىققەت قىلىپ، بالىلارنى ئادەم كۆپ ئاممىۋى سورۇنلارغا ئاپىرىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
2. ئالدىنى ئېلىش، ئەملەش ئوكۇلىنى ۋاقتىدا ئۇرغۇزۇش كېرەك. چۈنكى، مېڭە ياللۇغىنى ئوڭاي پەيدا قىلىدىغان كېسەللىكلەر ئارىسىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللەر مەسىلەن: يەلتاشما، قۇلاق ئالدى بەز ياللۇغى قاتارلىقلار بۇ خىل كېسەلنى ئوڭاي پەيدا قىلىدۇ، ئەملەش ئوكۇلىنى ئۇرۇش ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
3. ئاكتىپ ھالدا داۋالىتىش كېرەك. ئەگەر بالىلار يەلتاشما، سۇلۇق قاپارتما، قۇلاق ئالدى بەز ياللۇغى قاتارلىق كېسەلگە گىرىپتار بولسا ۋاقتىدا داۋالىتىپ، مۇشۇ سەۋەبتىن بۇ خىل كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش شۇنداقلا <زۇكام> غا سەل قارىماسلىق، بالىلاردا روھىي كەيپىياتى ناچارلىشىش، ماغدۇرسىزلىنىش، بېشى ئاغرىش، ياندۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بولسا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.