UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن بەزى ئۆسۈملۈكلەر تېز زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بەزى ئۆسۈملۈكلەر تېز زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتى بەك يېقىن، بىزنىڭ يەيدىغان، كىيىدىغان، ئىشلىتىدىغان نەرسىلىرىمىزنىڭ قايسىبىرى ئۆسۈملۈكلەردىن ئايرىلىپ باققان؟ بىراق، بىز ئۇلارغا قارىتا بىخەستەلىك قىلساقمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بەزى ئوسۈملۈكلەرنىڭ تەركىبىدە زەھەرلىك ماددىلار بار، ئېھتىياتسىزلىق قىلىپ بۇ ئۆسۈملۈكلەرنى خاتا يەپ قالساق، يېنىك بولغاندا زەھەرلەپ قويىدۇ، ئېغىر بولغاندا جاننى ئالىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تېنىدىكى زەھەرلىك ماددىلار ئاساسەن ئالكالوئىدلار، گلۇكوزىدلار، سوپۇن ماددىسى ۋە زەھەرلىك ئاقسىل قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. نۆۋەتتە ئۆسۈملۈكلەر تەركىبىدە بايقالغان ئالكالوئىدلار نەچچە مىڭ خىلغا يېتىدۇ، مەسلەن، تاماكىنىڭ يوپۇرمىقى بىلەن ئۇرۇقى تەركىبىدىكى تاماكا ئىشقارى، زەھەرلىك قالپاقلىق موگو تەركىبىدىكى زەھەرلىك قالپاقلىق موگۇ ئىشقارى قاتارلىقلار. ھەتتا بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەركىبىدە بىرلا ۋاقىتتا نەچچە ئون خىل ئالكالوئىد بولىدۇ. مەسىلەن، ۋىنكا گۈلىدە 60 نەچچە خىل ئالكالوئىد بار. بەزى ئالكالوئىدلار ئۆتكۈر زەھەرلىك بولغانلىقتىن، ئادەم تەركىبىدە بۇ خىل ئالكالوئىد بولغان ئۆسۈملۈكلەرنى يەپ قالسا ناھايىتى تېزلا ئۆلۈپ كېتىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىسى ياكى ئۇرۇقى (مەسىلەن، گىنكو، ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى) نىڭ تەركىبىدە ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى گلۇكوزىدى بولىدۇ. ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى گلۇكوزىدى سۇدا ئېرىپ گىدروسىئانىد دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇنىڭ زەھەرلىكلىكى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئادەم ئۇنى ئازراقلا يۈتۈۋالسىلا سېزىمىنى يوقىتىدۇ، ھەتتا زەھەرلىنىپ ئۆلىدۇ. چاخماق چىنىگۈل، سوپۇن درىخى قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇقى تەركىبدە سوپۇن ماددىسى بولىدۇ. بۇ خىل ماددىنى سۇغا سېلىپ ئېرىتكەندىن كېيىن چايقىساق ئاق رەڭلىك كۆپۈك پەيدا بولۇپ، بىر خىل غىدىقلىغۇچى گاز پۇرىقى تارقىلىدۇ. ئۇ زەھەرلەش ۋە قاننى ئېرىتىش رولىغا ئىگە. ئادەم بۇ خىل ئۇرۇقلارنى خانا يەپ سالسىمۇ ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. ئىنەكپىتى (ئابدىمىلىك) ئۇرۇقى تەركىبىدىكى ئىنەكپىتى ئاقسىلى بىلەن ھەببۈلمۈلۈك ماددىسى قاتارلىقلار زەھەرلىك ئاقسىلغا كىرىدۇ. بولۇپمۇ ھەببۈلمۈلۈك ئۇرۇقىنى ئادەم يېگەندىن كېيىن، ئېغىز بوشلۇقى، كاناي، قىزىلئۆڭگەچلەردە كۆيگەندەك سېزىم بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش... قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاخىرىدا ئادەمنىڭ نەپەسلىنىشى ۋە قان ئايلىنىشى ئاجىزلىشىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن بەزى ئۆسۈملۈكلەر تېز زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki