تاشپاقىنىڭ ئۆمرى نېمە ئۈچۈن ئۇزۇن بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تەبىئەت دۇنياسىدا تاشپاقىنى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان ھايۋان دېيىشكە بولىدۇ. نۇرغۇن تارىخىي ماتېرىياللاردا ۋە خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، تاشپاقىلار ئىچىدىكى نۇرغۇن «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش كۆرسىتىلىشىچە، تاشپاقىلار ئىچىدىكى نۇرغۇن «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپانلىرى» نەچچە ئەسىرنىڭ بوران - چاپقۇنىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولىدۇ.
كورىيىدىكى بىر بىلىقچى ئۇزۇنلۇقى 1. 5 مېتىر. ئېغىرلىقى 90 كىلوگرام كېلىدىغان بىر دېڭىز تاشپاقىسىنى تۇتۇۋالغان. ئۇنىڭ دۈمبىسىگە نۇرغۇن ئوستېر قۇلۇلىسى ۋە ۋېستىبۇلاقۇرتى چاپلىشىۋالغان بولۇپ، ياپيېشىل كۆرۈنىدىكەن. ئالىملار تەڭشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ 700 نەچچە ياشقا كىرگەنلىكىنى بايقىغان. بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
1983 - يىلى، جۇڭگو خەلق ئىنقلابىي ھەربىي ئىشلار مۇزېيىدا بىر دانە چوڭ دېڭىز تاشپاقىسى كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، ئېغىرلىقى 120 كىلوگرام كېلىدۇ، ئۇ كۆرگەزمە مەزگىلىدە تېخى 30 دانە تۇخۇم تۇغقان. مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ 300 ياشتىن ئاشقانلىقىنى ئېنىقلىغان.
تاشپاقا گەرچە ھايۋانات دۇنياسىدىكى «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپىنى» بولسىمۇ، لېكىن نەسلى ئوخشاش بولمىغان تاشپاقلارنىڭ ئۆمرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلىرى 100 يىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرسە، بەزىلىرى ئاران 15 يىل ياشىيالايدۇ. ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن بەزى تاشپاقىلارنىڭ ئۆمرى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ؟ ئالىملار بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى.
بەزىلەر: تاشپاقىنىڭ ئۆمرى ئۇنىڭ بەدەن شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بەدىنى چوڭ تاشپاقىلار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، بەدىنى ۋىجىك تاشپاقىلارنىڭ ئۆمرى قىسقىراق بولىدۇ. دېڭىز تاشپاقىسى بىلەن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى - پىلسىمان تاشپاقىنىڭ ئۆمرى ھەممىدىن ئۇزۇن بولىدۇ، دەپ قارىغان.
يەنە بەزىلەر: تاشپاقىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن - قىسقا بولۇشى ئۇنىڭ ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئوتخور تاشپاقىنىڭ ئۆمرى گۆشخور تاشپاقىنىڭ ئۆمرىدىن ئۇزۇن بولىدۇ، دەپ قارىغان.
بەزى زوئوتومىيە ئالىملىرى ۋە مېدىستىنا ئالىملىرى تاشپاقىنىڭ يۈرىكى ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىنمۇ، ئۇنىڭ يەنە ئىككى كۈنگىچە سوقۇشتىن توختىمىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ تاشپاقىنىڭ يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بەلىكم بۇ تاشپاقىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى بىۋاسىتە سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.