UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن مۆلدۈر كۆپىنچە ياز پەسلىدە ياغىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن مۆلدۈر كۆپىنچە ياز پەسلىدە ياغىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ياز كۈنلىرى مۆلدۈر ياغىدىغان پەسىل، بەزى چاغلاردا ئاسماندىن چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان مۇز پارچىلىرى چۈشۈپ ئۆيلەرنى ۋە ئېتىزدىكى زىرائەتلەرنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ، ھەتتا ئادەم، چارۋىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ تەھدىت سالىدۇ. مۆلدۈر يامغۇرلۇق توپ بۇلۇتتىن چۈشىدۇ. يامغۇرلۇق توپ بۇلۇتتا نۇرغۇن مۇز كرىستالى ۋە سوغۇق سۇ تامچىسى بولىدۇ، سۇ تامچىلىرى مۇز كرىستالى ئۈستىدە توڭلىغاندا، مۇز كرىستاللىرى تېزدىن يوغىناپ مۇز دانىچىلىرىغا ئايلىنىدۇ. كېيىن ئۇلار ھاۋا ئېقىمىغا ئەگىشىپ بۇلۇتلار ئىچىدە يۇقىرى - تۆۋەن لەيلەپ، لەيلەش داۋامىدا، بۇلۇتنىڭ ئاستىنقى تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، مۇز دانىچىلىرىنىڭ يۈزى بۇلۇتنىڭ ئاستىنقى قىسمىدا ئېرىيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇز پارچىلىرى يەنە بىر قىسىم سۇ تامچىلىرىنى سۈمۈرىۋالىدۇ. ئۇلار شىددەتلىك يۇقىرى ئۆرلىگەن ھاۋا ئېقىمىغا سوقۇلغاندا، مۇز دانىچىلىرى يەنە بىر قېتىم ئېگىز بوشلۇققا كۆتۈرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ يۈزىدىكى پارلار يېڭىۋاشتىن مۇز بولۇپ قاتىدۇ. ئون نەچچە قېتىم يۇقىرى - تۆۋەن ئۈزۈلۈش ئارقىسىدا، مۇز دانىچىلىرىنىڭ ھەجىمى بارغانسېرى زورىيىپ، بارغانسېرى ئېغىرلايدۇ، بۇلۇتتىكى ھاۋا ئېقىمى ئۇلارنى تەۋرىتەلمەيدىغان ھالەتكە يەتكەندە ئۇلار بۇلۇتتىن تۆۋەنلەپ يەرگە چۈشىدۇ. مانا بۇ مۆلدۈر دېيىلىدۇ. قىش كۈنى قۇياش نۇرى بىر قەدەر ئاجىز بولىدۇ، يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولمايدۇ، ھاۋانىڭ ئېقىمىغا قارشى كۈچى ئاجىز، يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغان ھاۋا ئېقىمى كۈچسىز بولىدۇ، بۇلۇت قاتلىمىدىكى ئۇششاق مۇز كرىتساللىرىنىڭ مۆلدۈر بولۇپ شەكىللىنىشىگە ياردەم قىلىشى ناھايىتى تەس بولىدۇ. ياز كۈنى بولسا، يەر يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن بۇلۇت قاتلىمى يەنىلا تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق رايون قاتارىغا كىرىدۇ، ئاسمان بىلەن يەر يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، ناھايىتى ئاسانلا كۈچلۈك يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ھاۋا ئېقىمى پەيدا بولۇپ، مۆلدۈرنىڭ شەكىللىنىشىگە پايدىلىق بولىدۇ، شۇڭا مۆلدۈر كۆپىنچە ياز پەسلىدە ياغىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە