UyghurWiki
UyghurWikiنەمەدۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يېرىم ئارال قەيەردە؟

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يېرىم ئارال قەيەردە؟

نېمە ئۈچۈن گېئولوگىيىلىك دەلىللەشكە ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن 10 نەچچە مىليون يىل بۇرۇن، ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن ھىندى ئوكيان ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇق تۇتىشاتتى، كېيىن يەر پوستىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، شەرقىي ئافرىقىدا يېرىق شەكىللەنگەن، بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جاي ئولتۇرۇشۇپ قىزىل دېڭىزغا ئايلانغان، قىزىل دېڭىز ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدۇ. قىزىل دېڭىزنىڭ شەرقىدە ئۇزۇن تۆت چاسا كەلگەن بىر يېرىم ئارال شەكىللەنگەن، مانا بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يېرىم ئارال - ئەرەب يېرىم ئارىلىدۇر. ئەرەب يېرىم ئارىلى شەرقىي دېڭىز بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، شەرقىي تەرىپى پارس قولتۇقىغا ياندىشىدۇ، جەنۇبىي تەرىپى ئەرەب دېڭىزى بىلەن، شىمالىي تەرىپى ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تۇتىشىدۇ. يېرىم ئارالنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2240 كىلومېتر، شەرقتىن غەربكىچە كەڭلىكى 1200 - 1900 كىلومېتر، ئومۇمىي كۆلىمى 3 مىليون 220 مىڭ كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم زېمىن كۆلىمىگە تەڭ كېلىدۇ. ئەرەب يېرىم ئارىلىدا سەئۇدى ئەرەبىستانى، يەمەن، ئوممان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار، كۇۋەيت، بەھرەيىندىن ئىبارەت يەتتە دۆلەت بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەر كۆلىمى پۈتۈن يېرىم ئارالنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ كىلىماتى ئىسسىق، سۇ بايلىقى ئىنتايىن كەمچىل، ئىسسىق، قۇرغاق بولغاچقا، بۇ خىل ھاۋا كىلىماتى كەڭ قۇملۇقنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ يەردە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ناھايىتى ئاز، كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۆگە ۋە ئات بېقىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40, 50 - يىللىرى ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى پارس قولتۇقىدىن كۆپ مىقداردا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى بولغاچقا، ئارالدىكى بىر مۇنچە دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى. مەسىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستانى نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ نېفىت ئىشلەپ چىقىرىدىغان دۆلەت بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ نېفىت مەھسۇلاتى خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 80 پىرسەنتىدىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا سەئۇدى ئەرەبىستانى <نېفىت پادىشاھلىقى> دەپ ئاتالغان.
← بارلىق تېمىلار نەمە