UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيەر شارىدىكى ئورمانلار قانداق پەيدا بولغان؟

يەر شارىدىكى ئورمانلار قانداق پەيدا بولغان؟

نېمە ئۈچۈن بۇنىڭدىن 4 مىليارد يىللار ئىلگىرى، يەنى يەر شارى شەكىللەنگەن دەسلەپكى مەزگىلدە يەر شارىدا جانلىقلار يوق بولۇپ، ھەممىلا جاي قاتتىق تاغ جىنىسلىرى ئىدى، ئورمان دېگەندىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايتتى. كېيىن، بىر ھۈجەيرىلىك جانلىقلارنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر بارلىققا كەلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە لىشاينىكلار ئورماننىڭ كۆپىيىشىدە يول ئاچىدىغان ئاۋانگارتلىق رول ئوينىغان. كۆپچىلىككە مەلۇمكى، ئورمانلار تۇپراق بولغاندىلا ئاندىن كۆپىيەلەيدۇ. لىشاينىك بولسا يەر شارىدىكى تۇپراقنى ئاچقۇچىدۇر. لىشاينىكلار زەمبۇرۇغلار بىلەن يۈسۈنلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان قوشۇلما بولۇپ، سىرتى زەمبۇرۇغلارنىڭ يىپچىلىرىدىن تەركىب تاپقان، ئىچكى قسىمى قۇرۇقلۇقتا ئۆسىدىغان يۈسۈنلاردىن ئىبارەت، ئۇلار بىرىكىپ، ئىككى تەرەپ مۇنداق بىر خىل ئۆز ئارا بىرلىشىپ ياشاش مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرگەن: يۈسۈنلار فوتوسىنتېز ئېلىپ بېرىپ، زەمبۇرۇغنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ: زەمبۇرۇغ بولسا يۈسۈنلارنى سۇ ۋە ئانئورگانىك تۇزلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ ھەمدە زۇمبۇرۇغلارنى قوغدايدۇ. لىشاينىكلار ئۆسۈش جەريانىدا ئالاھىدە بىر خىل خىمىيىلىك ماددا - لىشاينىك كىسلاتاسىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ئۇ تاغ جىنىسلىرىنىڭ يىمىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن نېپىز بىر قەۋەت تۇپراق شەكىللەنگەن. تۇپراقلار بولسا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يېڭىلىنىشى ۋە تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر، پۈتۈن دۇنيادىكى بىز بىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر 400 مىڭ خىل ئۆپچۆرىسىدە بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر يېرىمىدىن كۆپرەكنى تەشكىل قىلىدۇ. دۇنيادىكى ئورمانلار ئاساسەن ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردىن تەركىب تاپقان، ئۇلار سۇدا ئۆسۈشتىن قۇرۇقلۇقتا ئۆسۈشكىچە، باكتېرىيە خىلىدىكى ئۆسۈملۈكلەر - يۈسۈنلار - لىشاينىكلار - مۇخلار - پاپورتنىكلار - ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىر يەر شارىدا كەڭ كەتكەن ئورمانلارنى شەكىللەندۈرگەن.
← بارلىق تېمىلار نەمە