UyghurWiki
UyghurWikiنەمەساز چېلىشنى ئۆگىنىشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىت تۆت ياش ۋاقتىمۇ؟

ساز چېلىشنى ئۆگىنىشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىت تۆت ياش ۋاقتىمۇ؟

نېمە ئۈچۈن تەجرىبىلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئوقۇش يېشىغا كىرىشتىن ئىلگىرىكى مەزگىل ساز چېلىشنى ئۆگىنىشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىت ئىكەن. بۇ ۋاقىتتا، بالىلارنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارى ئىنتايىن تېز تەرەققىي قىلىدۇ. بارماقلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپ، تەربىيىنى ئوڭايلا قوبۇل قىلىدۇ. ئۆگىنىش سۈرئىتىمۇ بىر ئاز تېز بولىدۇ، تۆت ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى، بالىنىڭ قول، بىلەكلىرىنىڭ كۈچى بىر ئاز ئاجىز بولۇپ، يۈدۈپ يۈرىدىغان سازلار ئۇلارغا نىسبەتەن بىر ئاز تەس ھەم چۈشىنىش ئىقتىدارى يەنىلا بىر ئاز ناچار بولىدۇ. بەش ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ۋاقىت بولسا بالىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش ئالدىدىكى ۋاقىت بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ساز چېلىشنى ئۆگىنىشنى باشلىسا، قىسقا مەزگىل ئىچىدە بۇ خىل ئۆگىنىش ماس كەلسىمۇ (ساز چېلىشنى ئۆگىنىشنىڭ دەسلەپكى بىر قانچە ئېيىدا كۈچ، ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ) بىراق بالىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، تۆت ياش ئەتراپىدىكى ۋاقىت ساز چېلىشنى ئۆگىنىشىدىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىت. ئەگەر ئائىلە شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا، بالىغا مەلۇم بىر خىل ساز چېلىشنى ئۆگەتسە پايدىسى بولىدۇ. بۇ بالىنىڭ مەلۇم بىر خىل چالغۇ ئىقتىدارىنى ئىگىلىۋېلىشقا ياردەم بېرىپلا قالماي، بەلكى بالىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچى، دىققىتىنى يىغىش، داۋاملاشتۇرۇش، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى قاتارلىق ھەر قايسى جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق. ساز چېلىشنى ئۆگىنىش بالىنى مۇزىكاشۇناس قىلىپ تەربىيىلەش ئەمەس، گەرچە ئىنتايىن ئاز ساندىكى بالىلار كەلگۈسىدە مۇزىكىشۇناس بولسىمۇ، بىراق ئائىلە باشلىقلىرى باللىرىنى چوقۇم مۇزىكىشۇناس بولىدۇ دەپ ئۈمىد قىلماستىن، بەلكى بالىنىڭ ئەتراپلىق تەربىيىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە