UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ھەرىكەت قىياپىتى قانداقبولۇش كېرەك؟

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ھەرىكەت قىياپىتى قانداقبولۇش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، قورساق كۈنسېرى يوغىنايدۇ، بەدەندىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بېرىشكە باشلايدۇ. بۇ مەزگىلدە ئەڭ مۇھىمى بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش بولۇپ، قىسمەن بولجۇڭ گۆشنىڭ چارچىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مەسىلەن، ئۆرە تۇرۇپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاندا ياكى تاماق ئەتكەندە، ئەڭ ياخشىسى بىر پۇتنى سەل ئالدىغا قىلىپ، ئىككى پۇتىنى كىرىشتۈرۈش، نەرسە ئالغاندا، ئالدى بىلەن بەل ۋە تىزىنى ئېگىپ، دۈمبىنى ئىمكانقەدەر تىك تۇتۇش. ئولتۇرغان ۋاقىتتا ھەرىكىتىنى قوپال ئېلىپ بارماي، ئاستا - ئاستا ئورۇندۇق يېنىغا بېرىش، مۇقىم ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاستا - ئاستا بەدەننى يۆتكەش كېرەك. ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى يېرىم مەزگىلىدە، قورساق بەك يوغىناپ كەتكەنلىكتىن، تۈز بولۇش ناھايىتى تەس. بۇ ۋاقىتتا يانتۇ ھالەتتىن پايدىلانسا بولىدۇ. يانتۇ ھالەتتە قولىنى بەلگە تىرەپ، بىر پۇتىنى ئېگىپ ئالدىغا ئېلىش، يوتقان ياكى ياستۇقنى پۇتنىڭ ئاستىغا قاتلاپ قويسىمۇ بولىدۇ. قىسقىسى، ئۆزى ئازادە، راھەت ھېس قىلسىلا، خالىغانچە ھەرىكەت قىلسا بولىدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، قورساق ئاستى قىسمىنىڭ كۈچەپ كېتىشىدىن ساقلىنىش بولۇپ، كۈچەپ كەتسە بالىياتقۇ بوينى بېسىمغا ئۇچراپ، بويىدىن ئاجراش ياكى بالدۇر تۇغۇپ قويۇش ھادىسىسى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، ئېغىر ئەمگەك قىلىشتىن ۋە ئېغىر نەرسىلەرنى يۆتكەشتىن ساقلىنىش. ھامىلىدار بولۇپ 16 ھەپتىدىن كېيىن، بالىياتقۇ بوينى چوڭىيىشقا باشلايدۇ. بەدەنمۇ تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالمايدۇ، پەلەمپەيگە چىققاندا، مۇنچىغا كىرگەندە تېيىلىپ كېتىشتىن، يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە