<IC كارتىسى> دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، <IC كارتىسى> تۇرمۇشىمىزغا ئاستا - ئاستا كىرىپ كەلدى. IC كارتىسى يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كارتا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە كوچا ئاپتوموبىللىرى، مېترو ۋە تاكسىلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئاممىۋى قاتناش كارتىسى، تېلېفون كارتىسى، كېسەل كۆرسىتىش ياكى خۇسۇسىي ئۇچۇرنى سۈرۈشتۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى IC كارتىسىغا كىرىدۇ.
IC كارتىسى كىملىك كارتۇچكىسى چوڭلۇقىدىكى سۇلياۋ كارتۇچكا بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر كۋادرات سانتىمېتىر چوڭلۇقىدىكى نېپىز مېتال پلاستىنكا ئورنىتىلغان، ئۇ ئۆزەك دەپ ئاتىلىدۇ. بىر قەدەر ئالىي دەرىجىلىك IC كارتىسىدا، بۇنداق مېتال پلاستىنكا ئەمەلىيەتتە كىچىك بىر كومپيۇتېر بولۇپ، ئىچىدە مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ، ساقلىغۇچ، ئالاقە ئېغىزى، توك مەنبەسى قاتارلىقلار بار. ئۇ كۆپ مىقداردىكى ئۇچۇرلارنى ساقلىيالاپلا قالماي، يەنە ھېسابلاش، بىر تەرەپ قىلىش، ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
IC كارتىسىنىڭ ئۇچۇر ساقلاش مىقدارى ئىنتايىن چوڭ. ئۇ سالاھىيەت، ئوقۇش تارىخى، تەرجىمىھال، خىزمەت ئەھۋالى، كېسەللىك تارىخى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى ساقلىيالايدۇ. ئۇنى ئېلېكترونلۇق كىملىك، ئوقۇغۇچىلىق (خىزمەت) كىنىشكىسى، داۋالىنىش كىنىشكىسى، كىتاب ئارىيەت ئېلىش كىنىشكىسى قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ؛ IC كارتىسى يەنە ئۇچۇرلارنى ھېسابلىيالايدۇ ھەم بىر تەرەپ قىلالايدۇ، ئۇنى ھەر خىل نەق پۇل تاپشۇرىدىغان ئىستېمال كارتىسى، مەسىلەن، تېلېفون IC كارتىسى، قاتناش IC كارتىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئۇنى ئىشلىتىش ئىنتايىن قۇلايلىق ھەمدە ئۇنى تەقلىد قىلىپ ياسىۋېلىشمۇ ئاسان ئەمەس.