UyghurWiki›نەمە›ئۆسۈملۈكلەر ئوتتۇرىسىدا نېمە ئۈچۈن بەزىلىرى ئۆز ئارا ئىناق ئۆتۈش، بەزىلىرى ئۆز ئارا دۈشمەنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؟
ئۆسۈملۈكلەر ئوتتۇرىسىدا نېمە ئۈچۈن بەزىلىرى ئۆز ئارا ئىناق ئۆتۈش، بەزىلىرى ئۆز ئارا دۈشمەنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئۆسۈملۈكلەر ناھايىتى چوڭ بىر ئائىلە، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا بەزىدە نۇرغۇن قىزىقارلىق ھادىسىلەر كۆرۈلىدۇ: بەزىلىرى ئۆز ئارا يېقىن، دوستانە ئۆتۈپ بىر - بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ، بەزىلىرى بىر - بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىپ، دائىم ئۆز ئارا قېيدىشىپ قالىدۇ، بۇنىڭدا بىر تەرەپلا ئەمەس بەلكى ھەر ئىككى تەرەپ زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئەلۋەتتە ناھايىتى نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەر <تىنچ بىللە ئۆتۈش، ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق> پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستانىلىك بىلەن قەبىھلىك ئۇلارنىڭ تېنىدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان ماددىلارغا باغلىق. ئەگەر بىر تەرەپنىڭ ئاجرىتىپ چىقارغان ماددىسى قارشى تەرەپنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسىز بولسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى تەرەپتە يوپۇرمىقى سولىشىش، چېچىكى توزۇپ كېتىش، ھەتتا ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، ئالما بىلەن ياڭاقنى بىرلىكتە تىككەندە، ياڭاق دەرىخى خىنونى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ئۇ يامغۇر سۈيى ئارقىلىق يۇيۇلۇپ تۇپراققا چۈشۈپ ئالما دەرىخىنىڭ يىلتىزىنى زەھەرلەيدۇ. ئەگەر بىر تەرەپ ئاجرىتىپ چىقارغان ماددىلارنىڭ كېسەللىك باكتېرىيىسى ۋە زىيانداش ھاشاراتلارغا قارىتا كۈچلۈك تالاپەت يەتكۈزۈش كۈچى بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىسى بولۇپ، ئۆز ئارا يېقىن ئۆتىدۇ - دە، بۇ ئىناق دوستانىلىكنىڭ كاللەكبەسەيلەرنى بىرگە تېرىپ ئۆستۈرگەندە، سامساق ئاجرىتىپ چىقارغان سامساق ماددىسىنىڭ يېسىۋېلەك، كاللەكبەسەيلەرگە تەگكەن باكتېرىيىلىك يۇمشاپ سېسىش كېسەللىكىگە قارىتا ناھايىتى كۈچلۈك باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بولغانلىقى ئۈچۈن، كېسەللىك باكتېرىيىسى تىزگىنلىنىپ، ھەر ئىككىلا تەرەپتىن مول ھوسۇل ئېلىنىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر ئوتتۇرىسىدىكى رەھىمدىللىق بىلەن ئۆچمەنلىك ئىنتايىن مۇرەككەپ بولىدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىلىۋالغاندا ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلەردىن ساقلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ.