بىرلا ۋاقىتتا ئىككى بالىنى ئېمىتسە بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئەگەر تەڭرى سىزگە قوشكېزەك ئاتا قىلغان بولسا، بۇ سىزنىڭ بەختىڭىز. سىز ئۇلارنى ئانا سۈتى بىلەن قانداق بېقىشتىن ئەنسىرىدىڭىزمۇ؟ سۈت ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالارمۇ؟ ئاۋۋال بىر قېتىمدا بىر بالىنى ئېمىتىپ، بالىنىڭ ئېمىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك. قوشكېزەك ياكى كۆپ كېزەك بالىلارنىڭ بىر - ئىككىسى ھەمىشە ياخشى ئېمەلمەيدۇ، شۇڭا، بالا ئاستا - ئاستا ئانىنىڭ كۆكسىگە كۆنۈپ، ياخشى ھالدا ئەمگەندىن كېيىن، نىسبەتەن ئاز ئېمىدىغان بالا ۋە ئۇنىڭ قوشكېزەك قېرىنداشلىرىنى (ئاچا - سىڭىل) بىرلىكتە ئېمىتىش كېرەك. ئەلۋەتتە ئىككى بالىنى ئالماشتۇرۇپ ئوخشاش بولمىغان ئەمچەكتە ئەمدۈرسىمۇ بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئىككى ئەمچەك تەڭپۇڭ ھالەتتە يېتەرلىك غىدىقلىنىشنى قوبۇل قىلىدۇ.