UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئانا - بالا بىر ئۆيدە تۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى بارمۇ؟

ئانا - بالا بىر ئۆيدە تۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى بارمۇ؟

نېمە ئۈچۈن پەقەت ئانا - بالا بىر ئۆيدە تۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىلگەندە، ئاندىن ئانا قەتئىي بىر قارارغا كەلسە بولىدۇ. بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى، ئانا - بالا بىر ئۆيدە تۇرۇشنى ئومۇملاشتۇرغاندىن كېيىن بالا تۇغۇلۇشى بىلەن ئاپىسىنىڭ قورسىقىدا تۇرغان ۋاقىتتىكىدەك تۇيغۇنى ئىزدەيدۇ. ئانىمۇ ناھايىتى جاپا - مۇشەققەتتە تۇغقانلىقى ئۈچۈن، بالىنى قۇچاقلاش، ئىمىتىش ئارقىلىق ئۆز خۇشاللىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئانا - بالا بىر ئۆيدە تۇرسا ئانا بالىدىكى ئۆزگىرىشكە نىسبەتەن، دەرھال تەدبىر قوللىنىدۇ. مەسىلەن: بالىنىڭ قورسىقى ئېچىش، تەرەت لاتىسى يوق بولۇش قاتارلىقلار ھەم شۇنداقلا بالىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن خالىغان ۋاقىتتا ئېمىتىپ، تەرەت لاتىسىنى ئالماشتۇرۇپ، تېزلىكتە ئانىلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. شۇنداقلا، بالا ئېمىتكەندە بالىنىڭ يېتىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئانىنىڭ سۈت بەز ياللۇغى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. تەرەت لاتىسىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بالىنىڭ كاسىسىنىڭ قىزىرىپ كېتىشىنى ئازلاتقىلى بولىدۇ، بالىنىڭ تۇرمۇشى راھەت بولسا، ئاز يىغلايدۇ. بالىنىڭ ھەرقانداق نورمالسىزلىقىنى ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئانا - بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ پايدىسىغا ئىشەنچ تۇرغۇزىدۇ. ئۇزاقراق ئېمىتسە، بالىنىڭ يېتىلىشىگە نىسبەتەن ياخشى.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئانا - بالا بىر ئۆيدە تۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى بارمۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki