UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قاناش كېسىلى دېگەن نېمە؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قاناش كېسىلى دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قاناش كېسىلى ۋىتامىن K كەملىكتىن، بەدەندىكى بەزىبىر ۋىتامىن K نى شەرت قىلىدىغان قان ئۇيۇتقۇچى فاكتورلارنىڭ ئاكتىپلىقى تۆۋەنلەشتىن ئۆزىنى چەكلەيدىغان قاناش خاراكتېرلىك كېسەللەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كېسەل بالدۇر يۈز بېرىش تىپى، كلاسسىك تىپى، كېيىن يۈز بېرىش تىپى دەپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ. بالدۇر يۈز بېرىش تىپىدا تۇغۇلۇپ 24 سائەت ئىچىدە كېسەللىنىدۇ، باش قانلىق ئىششىش، باش ئىچى، كۆكرەك بوشلۇقى ياكى قورساق بوشلۇقى قاناش كۆرۈلىدۇ. ھامىلىدار ئايال دائىم ۋىتامىن K نىڭ مېتابولىزمىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان دورىلارنى ئىشلەتكەنلىكتىن بولىدۇ. مەسىلەن تارتىشىشقا قارشى دورا (ناترىي فېنوباربىتال، فېنتوئىن ناترىي)، تۇبېركۇليۇزغا قارشى دورا (رفامپىن)؛ كلاسسىك تىپلىقى تۇغۇلۇپ ئىككى كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە كېسەللىنىدۇ، بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلاردا تۇغۇلۇپ ئىككى ھەپتىگىچە سوزۇلىدۇ. دائىم كۆرۈلىدىغان قان چىقىش ئورنى كىندىكنىڭ قالدۇق ئۇچى، ئاشقازان - ئۈچەي يولى (قان قۇسۇش ياكى قارا تەرەت)، تېرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان ياكى تېشىلگەن ئورنى بولۇپ، ئادەتتە ئاز مىقداردا ياكى ئوتتۇرا ھال مىقداردا قان چىقىدۇ؛ كېيىن يۈز بېرىش تىپىدە تۇغۇلۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن كېسەللىنىدۇ. ئانا سۈتى بىلەن بېقىش، ئۇزۇن مەزگىل ئىچ سۈرۈش، ئۇزۇن ۋاقىت ئانتىبىئوتىك ئىشلىتىش، جىگەر - تال كېسەللىكلىرى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك باش ئىچى قاناش كۆپ كۆرۈلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا قان چىقىش كۆرۈلگەن ھامان تېزلىك بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە