UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھامىلىدار ئاياللار يۆتەل توختىتىش دورىسىنى قانداق تاللىشى كېرەك؟

ھامىلىدار ئاياللار يۆتەل توختىتىش دورىسىنى قانداق تاللىشى كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يۆتەلدىن ساقلىنىش تەس، يۆتەل توختىتىش دورىسىنى تاللىغاندا، ئانا - بالىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغان دورىنى تاللاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. غەربچە تېبابەتتىكى توكلاش ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان يۆتەل توختىتىش دورىسى. بۇ خىل دورىنىڭ نەپەس يولىدىكى شىللىق پەردىنى ھوشسىزلاندۇرۇش رولى بولۇپ، نەپەس يولىدا توسالغۇ پەيدا قىلىپ، ھامىلىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كالىي يودىدنىڭ گەرچە يۆتەلگە نىسبەتەن ياخشى توختىتىش رولى بولسىمۇ، بىراق تۇبېركۇلوز كېسىلى ۋە ھەزىم قىلىشى ناچار ھامىلىدار ئاياللار ئىشلەتسە بولمايدۇ. چۈنكى بۇ دورىنى ئىشلەتكەندە تۇبېركۇلوز كېسىلىنى قوزغاپ، ئاشقازاننىڭ غىدىقلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازاندىن قان كېلىشى مۇمكىن. كودېئىن، مۇرەككەپ چۈچۈكبۇيا بىرىكمىسى تابلېتى قاتارلىق دورىلارنىڭ (ئەپيۇن تەركىبى بار) يۆتەلنى توختىتىشى نىسبەتەن ياخشى بولسىمۇ، بىراق ھامىلىنىڭ نەپسىنى بوغۇپ قويىدۇ. شۇنداقلا بۇ خىل دورىلار تۇغۇتنى تېزلىتىپ، بالىياتقۇ بوينىنىڭ ئۇزىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدىكى كەرمان يۆتەلنى توختىتىش شىرنىسى بەلغەمنى يوقىتىپ، يۆتەلنى توختىتىشى ياخشى بولسىمۇ بىراق بالىياتقۇ بوينىنى تارايتىش رولى بولۇپ، بويىدىن ئاجراش، ئاي - كۈنى توشماي تۇغۇش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزىدىن ياسالغان يۆتەل توختىتىش دورىسىنىڭ ئاز مىقدارىدا ھىدروگىن سىيلۇگىن پەيدا قىلىدۇ. گەرچە بۇنىڭ مىقدارى ئاز بولسىمۇ، بىراق ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىدە يەنىلا ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك. بەزى يۆتەل توختىتىش دورىسى مەسىلەن، بەلغەم چىقىرىش كۇمۇلىچى، مڭىشى بەلغەم چىقىرىۋېتىش كۇمۇلىچى قاتارلىق دورىلارمۇ ھامىلىدار ئاياللارغا نىسبەتەن پايدىسىز بولۇپ، ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئادەتتە ھەسەل، چۈچۈكبۇيا مەلھىمى (شېكىرى) قاتارلىقلار بىر ئاز ياخشى. بۇ خىل دورىلارنىڭ نەپەس يولى شىللىق پەردىسىنى ئاسراش رولى بولۇپ، ئانا - بالىغا زىيانسىز، خەلق ئارىسىدىمۇ نەشپۈت ئارىسىغا ناۋات ئېلىپ دۈملەپ پىشۇرۇش، ئاق شېكەر بىلەن تۇرۇپنى ئارىلاشتۇرۇپ دۈملەش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ يۆتەلنى توختىتىش ئۇسۇلى بار. بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى يۇقىرى ھەم پايدىلىق، ھامىلىدار ئاياللار يۆتەل توختىتىشتا بۇ خىل ئۇسۇلنى تاللىسا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە