قانداق ئاياللاردا تۇغۇت مەزگىلىدە ئوڭايلا قانكېلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تۇغۇت مەزگىلىدىكى جىنسىي يولدىن قان كېلىش مىقدارى ئادەتتە 300 مىللىلىتىر ئىچىدە بولىدۇ، ئەگەر ھامىلە تۇغۇلۇپ 24 سائەت ئىچىدە تۇغۇتلۇق ئاياللاردىن كەلگەن قان 500 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتسە، بۇ تېبابەتتە، تۇغۇتتىن كېيىنكى قان كېلىش دېيىلىدۇ. تا ھازىرغىچە تۇغۇتتىن كېيىن قان كېلىش تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى، تۇغۇتتىن كېيىن قان كېلىش كۆپىنچە ھاللاردا بالىياتقۇنىڭ تارىيىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ. قوشكېزەك ھامىلىدار بولغانلار، چوڭ تۇغقانلار، باش سۈيى كۆپ بولغانلار، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ يېشى 35 دىن ئاشقانلار، ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىم سندرومى، تۇغۇت سانى كۆپ بولۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسىدە تۇغۇتتىن كېيىن قان كۆپ كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئەگەر بالا ھەمراھى ۋاقتىدا چۈشمىسىمۇ، قان كۆپ كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، جىنسىي يولىدا تۇغقاندا جىنسىي يول يېرىلىپ زەخىملىنىشتىن، تۇغۇتتىن كېيىنكى قان كېلىشنى پەيدا قىلىدۇ.