UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى باش ئىچى قاناشنىڭ قانداق ئالدى ئېلىنىدۇ؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى باش ئىچى قاناشنىڭ قانداق ئالدى ئېلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن باش ئىچى قاناش ئېغىر كېسەل بولۇپ، ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى، ھەمدە ھايات قالغۇچىلارنىڭ بىر قىسىملىرىدا مېڭىگە سۇ يىغىلىش، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، تۇتقاقلىق، مېڭە پالىچى قاتارلىق نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىك ئاسارىتى قالىدۇ. كېسەل سەۋەبى ئاساسەن تۇغۇتتىكى زەخىملىنىش، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تۇغۇتتىكى زەخىملىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرى كۆپىنچىسى ئاي - كۈنى توشقان بوۋاقلاردا كۆرۈلىدۇ، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققانلىرى كۆپىنچىسى بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆرۈلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى باش ئىچى قاناشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاساسەن تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە دىققەت قىلىش كېرەك: 1. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ساغلاملىقنى ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، بالدۇر تۇغۇشنى ئازايتىش، تۇغۇت ئالدى، تۇغۇت ۋاقتىدىكى قوغداشنى كۈچەيتىش، بالىياتقۇدىكى قىيىنچىلىقنى، تۇغۇلغاندىكى تۇنجۇقۇشنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىش، تۇغۇتتىكى زەخىملىنىشتىن ساقلىنىش. 2. ھازىرقى تەتقىقات شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى تۇنجۇققان، زىيادە يەڭگىل تۇغۇلغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن تۇغۇلغاندىن كېيىن ناترىي فېنوباربىتال بېرىشكە بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى، مېڭىگە سۇ يىغىلىشنى يېنىكلەتكىلى، مېڭە توقۇلمىلىرىنى قوغدىغىلى، باش ئىچى قاناشنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. لېكىن بۇ چارىگە ھازىرچە ئېنىق ھۆكۈم يوق. 3. ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىدىغان بوۋاقلاردا تۇغۇلۇپ ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن ۋىتامىن K1 نىڭ يېتىشمەسلىكىدىن باش ئىچى قاناش يۈز بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئانا سۈتىدە بېقىلىدىغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن تۇغۇلۇپ ئىككى ھەپتىدە ۋىتامىن K1 نى بەش مىللىگرامدىن ئون مىللىگرامغىچە بېرىش. 4. دوختۇر مەنبەلىك زەخىملىنىشتىن ساقلىنىش. تېز سۈرئەتتە ۋېنادىن يۇقىرى ئوسموسلۇق سۇيۇقلۇق ماڭدۇرۇشتىن، قان بېسىمى تەۋرىنىش، مېخانىكىلىق ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئامىللار باش ئىچى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا تېز سۈرئەتتە ۋىنادىن يۇقىرى ئوسموسلۇق سۇيۇقلۇق ماڭدۇرۇشتىن، قان بېسىمى چوڭراق تەۋرىنىشتىن ساقلىنىش، نەپەسلىنىش ئەسۋابى پارامېتىرلىق تەڭشەش ئامپىلىتۇدىسىنىڭ چوڭ بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش قاتارلىقلار
← بارلىق تېمىلار نەمە