UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى باش ئىچى قاناشنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى باش ئىچى قاناشنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟

نېمە ئۈچۈن باش ئىچى قاناشنىڭ ئالامەتلىرى تۇغۇلغاندا كۆرۈلىدۇ. تۇغۇلۇپ بىر جەريان ئۆتكەندىن كېيىن كۆرۈلۈشىمۇ مۇمكىن. ئاساسلىق ئالامەتلىرى: قۇچاقلاش رېفلىكىسى ئاجىزلاش، ئۇيقۇخۇمارلىق، ھوشسىزلىنىش، نەپەسلىنىشى تەرتىپسىزلىشىش، چىرايى تاتىرىش، داۋاملىشىش ياكى تۇتقاتلىق خاراكتېرىدىكى كۆكىرىش، ئەممەسلىك، قۇسۇش، ھەددىدىن زىيادە بىئاراملىق، يۇقىرى ئاۋازدا چىرقىراش، مۇسكۇل تىترەش، تارتىشىش، چۆچۈش، ياچاقتەك غادىيىش، پالەچ قاتارلىقلار؛ مېڭە لىپىلدىقى تولۇش ياكى كۆتۈرۈلۈپ چىقىش، كۆرۈش تور پەردىسى قاناش، كۆز مۇسكۇل پالەچلىكى، ئىككى كۆز قارىچۇقىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولماسلىق قاتارلىقلار، نۇرغا نىسبەتەن رېفلېكس يوقاش، كۆز قارىچۇقى تىترەش قاتارلىقلارمۇ بار. باش ئىچى قاناش ئېغىر بولغۇچىلاردا ئۆلۈش كېلىپ چىقىدۇ. يېنىك بولغۇچىلاردا ساقايغاندىن كېيىن ھەر قاچان كېسەل ئاسارىتى قالىدۇ، مەسىلەن: چوڭ مېڭە پالىچى، تۇتقاقلىق، ئەقلىي ئىقتىدارى مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىقلار.
← بارلىق تېمىلار نەمە