UyghurWiki›نەمە›نېمە ئۈچۈن يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ئاۋىئاماتكىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىن، دەپ قارىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ئاۋىئاماتكىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىن، دەپ قارىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ئاۋىئاماتكا <دېڭىز ئۇرۇشىدىكى مۇشتۇمزور> لۇق ئورنىغا چىقتى. ئەمما، ئاۋىئاماتكىنى ياساش، ئىشقا كىرىشتۈرۈش ھەم ئۇنىڭغا مۇناسىپ زور فلوتنى قۇرۇپ چىقىشقا كېتىدىغان خىراجەتنىڭ كۆپلۈكى كىشىنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدۇ. ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسلىرى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلىرى كۆپ ئىقتىدارلىق جەڭ قىلىشتەك ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغانلىقتىن ئاۋىئاماتكىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئەڭ قۇدرەتلىك دېڭىز - ئوكيان ھەربىي كۈچىگە ئايلىنىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى.
يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟ بىرىنچىدىن، يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىغا يادرو يېقىلغۇ قىلىنغانلىقتىن، بىر قېتىم يېقىلغۇ قاچىلىۋالسا، دېڭىزدا ئۇدا 100 مىڭ مىل يۈرەلەيدۇ. پەقەت تەمىنات بۇيۇملىرى يېتەرلىك بولسىلا، دېڭىزئاستىدا ئۇدا 60 - 90 كۈن يۈرەلەيدۇ. سۇ ئاستى پاراخوتى يوشۇرۇنۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، تۇيۇقسىز زەربە بېرەلەيدىغان ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى بۇنداق ئەۋھەللىكلەرنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ. زامانىۋى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى دېڭىز ئاستىغا 900 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا چۆكەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلكىنىشنى پەسەيتىش ۋە ئاۋاز يوقىتىش سىستېمىسى ئورنىتىلغانلىقتىن، دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ ئاستىدا ئۇزاق <يوشۇرۇنالايدۇ>، شۇڭا ئۇنىڭ تەھدىت كۈچى تېخىمۇ زورايدى دېگەن گەپ.
ئىككىنچى، زامانىۋى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىغا كۈچلۈك ھۇجۇم قوراللىرى ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇلار نەچچە ئون دانە سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد، پاراخوتلارغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد، تورپېدا ۋە نۇرغۇن سۇ مىناسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سۇ ئاستى، سۇ ئۈستى ۋە قۇرۇقلۇقتىكى ھەر قانداق نىشانلارغا ھۇجۇم قىلالايدۇ، ھەتتا توغرا زەربە بېرەلەيدىغان قوراللار ۋە ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان سنارەدلىرىنى قويۇپ بېرەلەيدۇ، ھۇجۇم قىلىش ئارىلىقى 1000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭغا يەنە نازۇك ئۆلچەش، قوماندانلىق قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم - مۇداپىئە ئىقتىدارىغا ئىگە.
بۇنىڭدىن سىرت، يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى ئادەتتىكى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ تونناژى تېخىمۇ يۇقىرى، سۈرئىتى تېخىمۇ تېز. نۆۋەتتە، يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ سۇ ئاستىدىكى تېزلىكى ئەڭ تېز بولغاندا سائىتىگە 45 مىلغا يېتىدىغان بولۇپ، ھەر قانداق ئادەتتىكى سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ۋە تورپېدالار ئۇنى قوغلاپ يېتەلمەيدۇ.