UyghurWiki›نەمە›خروموزومانىڭ ئادەتتىن تاشقىرى بولۇشى بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟
خروموزومانىڭ ئادەتتىن تاشقىرى بولۇشى بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى دېگىنىمىز — ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ ئوخشاش ياشتىكى بالىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېتىلىش ھالىتىدىن تۆۋەن بولۇشىنى ھەم مۇناسىپ بولغان مۇھىتتىكى ھەرىكەت ئىپادىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك سەۋەبى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 15%~20% كىچە بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى خروموزومانىڭ ئادەتتىن تاشقىرى بولغانلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ. خروموزوما بولسا ئىرسىي ماددا DNA نى توشۇغۇچ بولۇپ، خروموزومانىڭ ئادەتتىن تاشقىرى بولۇشى نۇرغۇنلىغان گېننىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خروموزوما مەيلى سانى ئادەتتىن تاشقىرى بولسۇن ياكى قۇرۇلما جەھەتتىن ئادەتتىن تاشقىرى بولسۇن، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئىرسىي ماددىلارنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يېتىدۇ. بەدەننىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يېتىلىشىگە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇستىخان ۋە بەش ئەزانىڭ غەيرىي يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ تۆۋەن بولۇپ، خروموزومانىڭ ئادەتتىن تاشقىرى بولۇشى، ئاساسلىقى 21 - تىرىزومىك سىندورومى. بۇ يەنە دوۋن سىندورومى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا 18 - تىرىزومىك سىندورومى جىنسىي فروزومانىڭ غەيرىي نورمال بولۇشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 21 - تىرىزومىك سىندورومىغا گىرىپتار بولۇپ تۇغۇلۇش ئامىلى مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئېغىر بولۇشىدىن ئىبارەت. كىشىلەرنىڭ نۇرلارغا ئۇچرىشىش پۇرسىتىنىڭ كۆپىيىشى، ۋىرۇسلاردىن يۇقۇملىنىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسى خروموزومانىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئادەتتە 21 - تىروزومىك سىندرومىنىڭ پەيدا بولۇشى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ يېشى چوڭ بولۇپ كېتىشى سەۋەبلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا. بىراق يېشى چوڭ بولمىغان تۇغۇتلۇق ئاياللارغا بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى تۇغمايدۇ دەپ سەل قارىماسلىق، تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، خروموزوما ئادەتتىن تاشقىرى بولغان پەرزەنتنى تۇغۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن مۇھىتنى قوغداش ۋە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى سالامەتلىكنى ئاسراشنى كۈچەيتىشمۇ بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى.