بالىلار تۆمۈرنى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، قان سىغىمى ۋە قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى يۇقىرىلايدۇ، شۇنداقلا قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆمرى 012 كۈن بولىدۇ. شۇڭا يېڭى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ئارقىلىق توختىماستىن كونا قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش كېرەك. قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىزىل قان ئاقسىلى بولۇپ، قىزىل قان ئاقسىلى يېمەكلىكلەردىكى ئاقسىل ۋە تۆمۈرنىڭ يىرىكلىشىگە ئېھتىياجلىق بولغاچقا، داۋاملىق تۈردە بالىلارغا قىزىل قان تولۇقلايدىغان تۆمۈر ماددىسى بار يېمەكلىكنى بېرىش كېرەك. ئورۇق گۆش ۋە ھايۋانات جىگىرىدە مول بولغان قىزىل قان تولۇقلايدىغان تۆمۈر ماددىسى بار ھەم شۇنداقلا قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىمۇ يۇقىرى. تۆمۈر تولۇقلايدىغان ياخشى يېمەكلىك، ئادەتتە گۆشلەرنىڭ رەڭگى قانچە قىزىل بولسا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى قىزىل قان تولۇقلايدىغان تۆمۈر ماددىسىمۇ كۆپ بولىدۇ. بولۇپمۇ يۈرەك، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق ئىچكى ئەزالار ۋە ھايۋاناتلار قېنىدا بۇ خىل ماددا ناھايىتى مول. شۇڭا، بالىلار دائىم بىر قىسىم ئورۇق گۆش ۋە ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق تۆمۈر تولۇقلىشى كېرەك.