بوۋاق قىزىپ قالغاندا تېمپېراتۇرىسىنى قانداقچۈشۈرۈش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ئەگەر بوۋاق قىزىپ قالغاندا، ئاتا - ئانا دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا ئۈلگۈرمىسە تۆۋەندىكى ۋاقىتلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى چۈشۈرۈش چارىلىرىنى قوللىنىشقا بولىدۇ؛
1. ھاۋانىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىنى، ئۆي تېمپېراتۇرىسىنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى ساقلاش. ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 27℃~25℃ ئەتراپىدا كونترول قىلسا بولىدۇ.
2. ئىلمان سۇدا پېشانە ياكى بويۇننىڭ يېنىنى، يىرىق، قولتۇق ئاستى قاتارلىق ئورۇنلارنى سۈرتۈپ بېرىش.
3. ئەگەر بوۋاقنىڭ پۇت - قولى ئىسسىق ھەم پۈتۈن بەدىنى تەرلىسە، ئارتۇق كىيمىلىرىنى سالدۇرۇۋېتىپ ئىسسىقلىق تارقىتىش.
4. بوۋاققا كۆپرەك سۇ ئىچكۈزۈپ بەرسە، سۇسىزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي يەنە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
5. بوۋاقنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38.5℃ دىن ئېشىپ كەتكەندە مۇۋاپىق مىقداردا قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى ئىشلىتىش ھەمدە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك