UyghurWiki
UyghurWikiنەمەسۇ مىناسى پاراخوتلارغا قانداق ھۇجۇم قىلىدۇ؟

سۇ مىناسى پاراخوتلارغا قانداق ھۇجۇم قىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن سۇ مىناسىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بەزىلىرى سۇ يۈزىدە لەيلەيدۇ ياكى سۇ ئاستىغا مۇئەييەن چوڭقۇرلۇقتا چۆكىدۇ ھەمدە دولقۇنغا ئەگىشىپ ئېقىپ يۈرىدۇ، شۇڭا بۇلار لەيلىمە مىنا دەپ ئاتىلىدۇ؛ بەزىلىرى لەڭگەر زەنجىرى ئارقىلىق سۇ ئاستىدىكى مەلۇم ئورۇنغا مۇقىملىنىدۇ، بۇلار لەڭگەرلىك مىنا دەپ ئاتىلىدۇ. بەزىلىرى سۇ ئاستىغا چۆكۈپ تۇرىدۇ، بۇلار چۆكمە مىنا دەپ ئاتىلىدۇ. پاراخوتلار سۇغا مىنا ئورۇنلاشتۇرۇلغان دائىرىدىن ئۆتكەندە ئىقتىدارى ئوخشاش بولمىغان سۇ مىنالىرى كۈچ - قۇدرىتىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بەزىلەر: پاراخوت سۇ مىناسىغا تەگمىسىلا مىنا پارتىلىمايدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تەگسە پارتىلايدىغان بۇنداق سۇ مىنالىرى پەقەت سۇ مىنالىرى <تۈركۈمى> دىكى كىچىك بىر قىسىمدىنلا ئىبارەت بولپ، نۇرغۇن سۇ مىنالىرى تەگمىسىمۇ پارتلاۋېرىدۇ. چۈنكى پاراخوتلاردا دېڭىزدا يۈرگەن ۋە خىزمەت قىلغاندا، ھامان مۇئەييەن شاۋقۇن چقىرىدۇ ھەمدە سۇ بېسىمى ھاسىل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ماگىنىتلىق خوسۇسىيىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. نۇرغۇن سۇ مىنالىرىغا ئاۋاز، بېسىم ۋە ماگىنىتلىق خۇسۇسىيەتنى <سېزىدىغان> پىستان ئورنىتىلغان بولىدۇ، شۇڭا بۇلار پاراخوتقا نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر. پەقەت سۇدا يۇقىرىقىدەك ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەنلىكىنى <سەزسە>لا، بۇ سۇ مىنالىرى پارتىلايدۇ. مەسىلەن، ئاپتوماتىك لەيلەيدىغان بىر خىل سۇ مىناسى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىنتايىن سەزگۈر تەكشۈرگۈچى پىستان ئورنىتىلغان، شۇڭا 1000 مېتىر دائىرىدىكى سۇدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى سېزىۋالالايدۇ. دۈشمەننىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنى بايقاپ جەزملەشتۈرسىلا، لەڭگەردىن ئاپتۇماتىك ئاجراپ، ئۈستىگە لەيلەيدۇ ھەم پارتلايدۇ. ئېلېكترونلۇق تىزگىنلەش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ھازىرقى سۇ مىنالىرىنى يىراقتىن تىزگىنلەپ پارتىلاتقىلى بولىدىغان بولدى. بەزى سۇ مىنالىرىنى ھەتتا سۇ ئاستى پاراخوتلىرى قويۇپ بېرىدۇ ھەم تېزگىنلەيدۇ، بۇنداق مىنالار ئۆزلۈكىدىن مەلۇم دېڭىز تەۋەلىكىگە بېرىپ جايلىشالايدۇ، بۇلار مۇئەييەن دەرىجىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ، ئايروپىلان ياكى پاراخوتلارنى ئەۋەتىپ مىنا ئورۇنلاشتۇرۇش كەتمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە