UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكىۋى قۇشىنىڭ قانىتى يوقمۇ؟

كىۋى قۇشىنىڭ قانىتى يوقمۇ؟

نېمە ئۈچۈن قۇش تىلغا ئېلىنىسا، كىشىلەر قۇشلارنىڭ قاناتلىرىنى كېرىپ كۆكتە ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. لېكىن، قانىتى يوق قۇشنى ئىسىمى - جىسمىغا لايىق قۇش دېگىلى بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولمايدۇ. بەزى قۇشلار ئاسماندا پەرۋاز قىلىشقا ئىنتىلمەي، پەقەت يەردىلا ھەرىكەت قىلىۋەرگەچكە، تەدرىجىي ھالدا قاناتلىرى ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، ئاخىر قانىتى يوق، ئۇچالمايدىغان قۇشقا ئايلىنىپ قالغان. يېڭى زېلاندىيىدە ياشايدىغان كىۋى قۇشى دەل شۇنداق. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى، كىۋى قۇشى ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، رەڭدار پەيلىرى كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىكەن. لېكىن، بەختكە قارشى بىر قېتىم ئورمانغا ئوت كېتىپتۇ، كىۋاى قۇشى باشقا قۇشلارنى ئوت دېڭىزىدىن بىخەتەر كەتكۈزۈۋېتىپ، ئۆزى بولسا ئوت دېڭىزىدىن ئەڭ ئاخىرىدا ئايرىلىپتۇ، نەتىجىدە ئۇنىڭ چىرايلىق پەيلىرى، قانىتى ۋە قۇيرۇقى ئوتتا كۆيۈپ كېتىپ، ھازىرقىدەك كۆرۈمسىز قۇشقا ئايلىنىپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، كىۋى قۇشى ئاسماندا پەرۋاز قىلىشتىن مەھرۇم قېلىپ، كۈندۈزلىرى يوشۇرۇنۇۋالىدىغان، پەقەت كەچ كىرگەندىلا ئاندىن سىرتلارغا چىقىپ ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ. كىۋى قۇشىنىڭ پەيلىرى ئىنچىكە ھەم يۇمشاق، ئۇنىڭ قانىتى بىلەن قۇيرۇقى بولمىغاچقا، قارىماققا بىر كاللەك يۇڭ يىپقىلا ئوخشىشىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ پۇتلىرى قىسقا، توم، كۈچلۈك بولۇپ يۈرگۈرۈشكە ماھىر، سائەتلىك تېزلىكى 16 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئاچچىقى كېلىپ قالسا، ئۆزى بىلەن تەڭ قۇشلارنى بىر تېپىپلا 1.5 مېتىر يىراقلىققا ئۇچۇرۇۋېتەلەيدۇ. ئۇنىڭ بېشى كىچىك، ئەمما تۇمشۇقى ئۇزۇن بولۇپ، خۇددى ئۇزۇن شەمشەرگىلا ئوخشىشىدۇ. قىزىقارلىقى شۇكى، ئۇنىڭ تۇمشۇقى يېمەكلىك يەيدىغان قورالى بۇلۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇنىڭ ھاسىسىدۇر. ئۇ ھېرىپ قالغان چاغدا ئۇزۇن تۇمشۇقىنى پۇتلىرىغا ماسلاشتۇرۇپ يەرگە تىرىۋالىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئۇ يەردە ناھايىتى مەزمۇت تۇرۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ناھايىتى راھەتلىنىپ ئۇخلىيالايدۇ. كىۋى قۇشىنىڭ بۇرۇن تۆشۈكى تۇمشۇقىنىڭ ئۇچىدا بولۇپ، ئالاھىدە پۇراش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاچقا، يەر يۈزىدىن 20 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قۇرتلارنى تېپىپ يېيەلەيدۇ. يېڭى زېلاندىيىلىكلەر كىۋى قۇشىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەچكە، ئۇنى «دۆلىتى قۇشى» دەپ قارايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
كىۋى قۇشىنىڭ قانىتى يوقمۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki