UyghurWiki
UyghurWikiنەمەراكېتا قويۇپ بېرىشتە نېمە ئۈچۈن ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ؟

راكېتا قويۇپ بېرىشتە نېمە ئۈچۈن ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن راكېتا قويۇپ بېرىشتە ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلاش قويۇپ بېرىشتىن بىر سائەت ئىلگىرىكى ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ. مەسىلەن، بىر سائەت تەييارلىق، 30 مىنۇت تەييارلىق، 15 مىنۇت تەييارلىق، 10 مىنۇت تەييارلىق، بەش مىنۇت تەييارلىق، بىر مىنۇت تەييارلىق، ئەڭ ئاخىرىدا 10, 9, 8, 7, 6, 5, 4, 3, 2, 1 قويۇپ بېرىلسۇن! دېگەندەك. راكېتا قويۇپ بېرىشتە ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئالىملار ئوپلاپ تاپمىغان، بەلكى ئۇ بىر كىنو رېژىسسورىنىڭ كاللىسىغا توساتتىن كەچكەن بىر خىيالدىن كېلىپ چىققان 1927 - يىلى گېرمانىيىلىك رېزىسسور فرىتېس ران ئىلمىي فانتازىيىلىك فىلىم <ئايدىكى قىز> نى سۈرەتكە ئالغاندا، مودېل راكېتانى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن، ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلايدىغان قويۇپ بېرىش پروگراممىسىنى ئىجاد قىلغان. ئۇ چاغلاردا راست راكېتا تېخى كەىپ قىلىنمىغانىدى. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدا، راكېتانىڭ ئەجدادى <2 - V> ناملىق راكېتا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى گېرمانىيىدە بارلىققا كېلىدۇ. بۇ يەر شارى ئاتموسفېرا قاتلىمىنىڭ سىرتىدا ئۇچالايدىغان تۇنجى راكېتا ئىدى. ئەينى چاغدا <2 - V> ناملىق راكېتانى قويۇپ بەرگەندىمۇ كىنودىكىدەك ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلايدىغان قويۇپ بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلىغاندا راكېتانىڭ كۆتۈرۈلۈشتىن ئاۋۋالىقى ھەر خىل ھەرىكەتلىرىنى ۋاقىت بويىچە پروگراممىلاشتۇرغىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇ ھەم راكېتا قويۇپ بېرىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولىدۇ، ھەم راكېتا قويۇپ بېرىش ۋاقتىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بەرگىلى بولىدۇ. شۇڭا نۆۋەتتە ھەر قايسى ئەللەر شۇڭا نۆۋەتتە ھەر قايسى ئەللەر راكېتا، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ۋە ئالەم ئايروپىلانى قويۇپ بېرىشتە، مۇشۇ خىل ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلاپ قويۇپ بېرىش پروگراممىسىنى قوللىنىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە