UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكۈل رەڭ بۆرە< تەربىيىسىنىڭ نەتىجىسى زادى قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىر بولىدۇ؟

كۈل رەڭ بۆرە< تەربىيىسىنىڭ نەتىجىسى زادى قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىر بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن تېخى ئۈچ ياشقا كىرمىگەن بالىلاردا تۇرمۇش تەجرىبىسى كەمچىل بولغاچقا، تاشقى دۇنيادىكى شەيئىلەردىن قورقۇشنى بىلمەيدۇ. بىراق ئۇلاردا تەجرىبە ۋە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى كەمچىل بولغاچقا، بىرەر نەرسىدىن ئازراق بېشارەت بەرسىلا قورقۇش پسىخىكىسى پەيدا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ئائىلە باشلىقىنىڭ تەربىيىسى ياخشى بولمىسا، ئەمەلىي نەرسىلەرنى قوللانمىسا، ئىلمىي بولمىسا، ھەتتا بىمەنە سۆزلەر بىلەن بالىنى قورقۇتسا، بالا بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىپ قالىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتىكى بالىنىڭ نەزىرىدە، ئاتا - ئانىسىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا. <كۈل رەڭ بۆرە> ھېكايىسىنى ئاتا - ئانىلار دائىم بالىلىرىغا سۆزلەپ بېرىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ دائىم بالىسىغا دەيدىغان مۇنۇ سۆزلىرىنى ئەسلەپ بېقىڭ. <گەپ ئاڭلىمىسىڭىز، كۈل رەڭ بۆرە كېلىپ سىزنى چىشلەيدۇ> <ئۇخلىمىسىڭىز، كۈل رەڭ بۆرە كېلىپ سىزنى تۇتۇۋالىدۇ>، <يەنە يىغلىسىڭىز، دوختۇرنى چاقىرتىپ ئوكۇل ئۇرغۇزىمەن …> ئاقىۋەتتە، بالىلار پۈتۈن بىر ئاخشام ئۆزى يالغۇز بىر ئۆيدە ئۇخلاشتىن قورقىدۇ ياكى چىراغنى ياندۇرۇپ قويۇپ ئۇخلايدۇ. چىراغنى ئۆچۈرۈۋەتسە ئويغىنىپ كېتىدۇ. ھەتتا قورقۇنچلۇق چۈشلەرنى كۆرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بالىلار گەپ ئاڭلىمىغاندا ياكى قارشىلىق كۆرسەتكەندە، ئاتا - ئانىلارنىڭ قورقۇتۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ بالىنىڭ قەلبىدە پەيدا قىلغان پسىخىك توسالغۇ، بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئېغىر روھىي زەربە، تېخىمۇ ئېچىنارلىقى شۇكى، نېرۋا ئەزالىرىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى، يوتقانغا سىيىشنى، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشى كېيىن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بالىنىڭ پسىخىكا جەھەتتىن نورمال يېتىلىشىگە تەسىر يەتكەندە، بالا قورقۇنچاق، ئاجىز بولۇپ قېلىش، مۇستەقىللىقى كەمچىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، بالا ئىش ئۇقمىغاندا، گەپ ئاڭلىمىغاندا، ئاتا - ئانىلار بالىنى قورقىتىدىغان ئۇسۇلىنى قوللانماي، يېتەكلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك ياكى بالىدا قارشىلىق بولغاندا، بالىنىڭ دىققىتىنى بۇراپ، ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن تەربىيە ئارقىلىق قايىل قىلىش كېرەك. ئاتا - ئانىلار ھەرگىزمۇ <كۈل رەڭ بۆرە> تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، بالىلاردا پسىخىكا جەھەتتە توسالغۇ پەيدا قىلماڭلار، بولمىسا ناچار ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
كۈل رەڭ بۆرە< تەربىيىسىنىڭ نەتىجىسى زادى قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىر بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki