UyghurWiki
UyghurWikiنەمەچۈچۈك كېسىلىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

چۈچۈك كېسىلىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىكى ئىشلارنى ياخشى قىلىش كېرەك: 1. تازىلىق تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاش، ئويۇنچۇق، سايمان ۋە پول قاتارلىقلارنى پاكىز تۇتۇش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. 2. شەخسىي تازىلىقنى ياخشى قىلىپ، ۋاقتىدا يۇيۇنۇش، ئىچ كىيىمنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش، ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيدۈرمەسلىك ھەم بالىلاردا ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش شۇنداقلا قولنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش، بولۇپمۇ تاماقتىن بۇرۇن، چوڭ - كىچىك تەرەتتىن كېيىن قولنى يۇيۇش، بارماقنى شورىماسلىق قاتارلىق ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. 3. يۇقۇم مەنبەسىنى يوقىتىش كېرەك، يەسلى ئورۇنلىرى قەرەللىك ھالدا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. 4. چۈچۈك قۇرت ياكى قۇرت تۇخۇمىنى تېپىپ چىقىپ، توغرا دىئاگنوز قويۇپ، ئىچىدىن دورا ئىچىش، نۆكچە دورا ئىشلىتىش ۋە سىرتىدىن دورا ئىشلىتىش قاتارلىق دوختۇر كۆرسەتكەن كۆرسەتمە بويىچە داۋالاش كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە
چۈچۈك كېسىلىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki