ئاغرىتماي تۇغۇش نەچچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تۇغۇتتا چوقۇم ئاغرىش< تۇغۇت مەزگىلىدىكى خۇشاللىق بىلەن ئاغرىشنىڭ بىرىكىشى بولۇپ، ئانا بالىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى بىلەن خۇشال بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تۇغۇت ئاغرىقىنى قوبۇل قىلىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە، بۇ كىشىلەر ئارىسىدىكى تەبىئىي ئىش بولۇپ قالدى. قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئانىلار ئۈن - تىنسىز ھالدا ئاغرىقنى قوبۇل قىلدى، ئانىلارنىڭ بىخەتەر بولۇشى ھەم بەختلىك ھالدا تۇغۇشى ئۈچۈن، تۇغۇت خادىملىرى توختىماستىن بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئىزدەندى. بىراق، تا ھازىرغىچە ئاددىي، بىخەتەر، قانائەتلىنەرلىك ئۇسۇل ۋە دورا ئۆسۈملۈكلىرى تېپىلمىدى. نۆۋەتتە دائىم كۆرۈلىدىغان ئاغرىتمايدىغان تۇغۇش تۆۋەندىكىدەك چوڭ ئىككى تۈرگە ئومۇملىشىدۇ.
1. دورا ئىشلەتمەي تۇغۇت مەزگىلىدىكى ئاغرىقنى توختىتىش ئۇسۇلى: بۇنىڭدا ھامىلىدار ئاياللار تۇغۇتتىن بۇرۇنقى پسىخىكا جەھەتتە ياخشى بولۇپ، تۇغۇتتىن ئەنسىرەش تۇيغۇسىنى يوق قىلىش. تۇغۇتتىن كېيىن ئۆزى ۋە ئۆيدىكىلىرى بىلەن قورساقنى ئۇۋۇلاپ تۇرۇش ياكى ئىككى قول بىلەن بەلنى چىڭ بېسىپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىش. بۇ خىل ئۇسۇل بالىياتقۇ ئېغىزىنى 11 سانتىمېتىردىن 13 سانتىمېتىرغىچە ئاچىدۇ. داۋاملىق ئاچسا، ئۈنۈمى يوق بولىدۇ. ئاغرىقنى توختىتىش ئۈچۈن دوختۇرلار ئوكۇل ئۇرۇپ، تۇغۇت جەريانىنى قىسقارتىپ، ئاغرىقنى يېنىكلىتىش كېرەك.
2. دورا بىلەن تۇغۇت ئاغرىقىنى توختىتىش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇغۇتتىكى ئاغرىقنى توختىتىشنىڭ خىلمۇخىل ئۇسۇلى ئارىسىدا، ئاغرىقنى مەست قىلىش ئارقىلىق ياكى پۈتۈن بەدەنگە دورا ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاغرىقنى يېنىكلىتىش بارا - بارا ئەمەلدىن قېلىۋاتىدۇ. نىسبەتەن كۆپ قوللىنىلىۋاتقىنى قاتتىق پەردە سىرتىدىن ئاغرىقنى توختىتىش ئۇسۇلى، يەنى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ دۈمبە تەرىپى (ئومۇرتقا) نى دېزىنفېكسىيە قىلىش ئارقىلىق مەست قىلىپ، ئاغرىقنى توختىتىدۇ. فۇنكسىيە قىلىش تۇغۇتلۇق ئاياللارغا نىسبەتەن خەتىرى بولۇپ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، مەست قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى كونترول قىلسا بولىدۇ. ئاغرىق باشلانغان ۋاقىتتا، نىقاپ بىلەن ئېغىز - بۇرۇنلىرىنى توسۇپ، بالىياتقۇ تەۋرىگەن 20 ~ 30 سېكۇنت ئىچىدە نىقاپ ئارقىلىق قاتتىق نەپەسلىنىپ، ئاندىن نىقاپنى ئېلىۋېتىش كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئاغرىقنى توختىتىشقا بولىدۇ، ھامىلىگە نىسبەتەن كىچىككىنە تەسىرى بار، بالىياتقۇنىڭ تارىيىشى ۋە تۇغۇت جەريانىغا تەسىر يەتمەيدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى ھامىلىدار ئاياللار تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى كېرەك.