UyghurWiki›نەمە›نېمە ئۈچۈن قىشتا تۇغۇلغان بوۋاقلارنى باھارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاپتاپسىندۇرسائاسانلا دۆلىنىپ قالىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن قىشتا تۇغۇلغان بوۋاقلارنى باھارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئاپتاپسىندۇرسائاسانلا دۆلىنىپ قالىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
قىشتا تۇغۇلغان بوۋاقنى ھاۋا سوغۇق بولغانلىقتىن، ئاتا - ئانىسى ئاپتاپسىندۇرۇشقا ئىنتايىن ئاز ئېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر يەنە ۋاقتىدا بېلىق جىگىرى مېيى (ۋىتامىن A ۋە ۋىتامىن D نىڭ ئارىلاشما ياسالمىسى) نى تولۇقلىمىسا، بوۋاق تېنىدىكى ۋىتامىن D نىڭ مىقدارى يېتىشمەي، كالتسىي تولۇق ئىشلىتىلىپ، سۆڭەكنى چىڭىتىپ چىشنى ساغلاملاشتۇرالمايدۇ. لېكىن قاندىكى كالتسىينىڭ قويۇقلۇقى تېخى نورمال سەۋىيىدە ساقلىنالمايدۇ. ئەتىيازدا ھاۋا ئىللىغاندا ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت ئاپتاپسىندۇرغاندا، بەدەندىكى ۋىتامىن D نىڭ مىقدارى ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ئارتىپ، قاندىكى كالتسىي سۆڭەككە توشۇلۇپ، سۆڭەكنىڭ كالتسىيلىشىشىنى تېزلىتىپ، كالتسىي سۆڭەكنىڭ يۈزىدە يىغىلىپ قالىدۇ ھەمدە ئۈچەي يولىدىكى كالتسىي نىسبەتەن يېتىشمەي، قاندىكى كالتسىي قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئەگەر بەلگىلىك سەۋىيىگىچە تۆۋەنلەپ كەتسە دۆلىنىش (پەقەت ۋىتامىن D كەملىك خاراكتېرلىك پۇت - قول تارتىشىش كېسىلى) يۈز بېرىدۇ. شۇڭا ئەتىيازدا ئاپتاپسىندۇرغاندا بەك ئۇزۇن بولماسلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ۋاقتىدا كالتسىي تولۇقلاش كېرەك.