UyghurWiki›نەمە›تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىـيىتىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەمدۇ؟
تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىـيىتىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەمدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلىق دەۋر يالغۇز ئەقلىي قابىلىيەتنى ئېچىشتىكى مۇھىم دەۋر بولۇپلا قالماي، بەلكى تېخى بالىلاردا ياخشى جىسمانىي كۈچ ۋە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق دەۋر. بالىلىق دەۋردىكى دەسلەپكى تەنتەربىيىدە جىسمانىي كۈچ ۋە ئىقتىدارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش بىلەن ئەقلىي قابىلىيەتنى ئېچىشنى قوغلىشىشمۇ مۇھىم. تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بالىلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئالدى بىلەن، تەنھەرىكەت ئۇستىخاننى مۇستەھكەملەپ، مۇسكۇللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تەنتەربىيە قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، چوڭ مېڭىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، ئادەمنى تېخىمۇ چىۋەر، چاققان قىلىپ، ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنە تەنتەربىيە پائالىيىتى جەريانىدا بالىلارنىڭ پۇت - قول ۋە گەۋدە قىسىملىرى تۈرلۈك ھەرىكەتلەردە بولغاچقا، چوڭ مېڭىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى غىدىقلاپ، ئىنكاسىنى تېزلەشتۈرۈپ، تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇۋاپىق بولغان كۈندىلىك سىرتقى پائالىيەت بالىنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلاپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاڭلىق ھالدا بالىلارنىڭ تۇتۇش، سىيلاش، ئۇۋۇلاش، تاشلاش، يۈگۈرەش ۋە سەكرەش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قوزغاپ، كىچىك مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، بەلكى يەنە بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئېچىشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئاساسلىق ۋاسىتە.