UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ تەتۈر يۆنىلىش تەپەككۇرىنى قانداق مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك؟

بالىلارنىڭ تەتۈر يۆنىلىش تەپەككۇرىنى قانداق مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن تەتۈر يۆنىلىش تەپەككۇرى بولسا ئەكسچە ئوي - پىكىر قىلىش ئادىتىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەككە تەپەككۇرنىڭ چۈشىنىشلىك بولغان بىر خىل ئىپادىسى. تەتۈر يۆنىلىشلىك تەپەككۇر بولسا تەپەككۇرنىڭ جانلىقلىقىنى، ئەتراپلىقلىقىنى، يېڭىلىق يارتىشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بالىلاردا تەتۈر يۆنىلىشلىك تەپەككۇرنى يېتىلدۈرگەندە بىر خىل ئەركىن بولغان كەڭرى كەيپىياتنى ياراتقىلى بولىدۇ. بالا بۇ يەردە خالىغانچە دۇنيا توغرىسىدا ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدۇ. بالا كىچىك بولغاچقا، بەزى ۋاقتىدا بەزى تەسەۋۋۇرلىرى تەتۈر يۆنىلىش مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى سەل دائىرىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت. بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ خىلمۇخىل تەسەۋۋۇرى بىلەن ھەرىكىتى ئارقىلىق بالىغا ئىلھام بېرىشى ۋە بالىنى قوللاش كېرەك. بولۇپمۇ بالىنىڭ يېڭى تەسەۋۋۇرى بىلەن ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئەلۋەتتە زىيادە چەكتىن ئېشىپ كەتكەن خىيال بىلەن ئۇسۇلنى ماسلاشتۇرغاندا ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلمەسلىكى مۇمكىن. تەتۈر يۆنىلىش تەپەككۇرىنى مەشىق قىلدۇرغاندا بەلگىلىك بىلىم ئاساسىي بولۇش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا بالىغا تەبىئەت جەمئىيەتتىكى خىلمۇخىل مۇھىم نەرسىلەرنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: تېلېۋىزور كۆرۈش، كىتاب كۆرۈش، مۇزىيخانىلارنى زىيارەت قىلىش، سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىش قاتارلىقلار. بالىلارغا مەقسەتلىك ھالدا تەتۈر يۆنىلىش تەپەككۇرىنى مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك. مەسىلەن: بالىنىڭ جاۋابىغا قارىتا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سوئال سوراش، مېڭىسىنى جىددىي ئىشلىتىش مەشىقى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئائىلە باشلىقلىرى توغرا بولغان ئۇسۇل ئارقىلىق، بالىنىڭ تەتۈر يۆنىلىش تەپەككۇرىنى مەشىق قىلدۇرۇشى كېرەك. مەسىلەن: ئۆزگەرتىش — بۇ خىل نەرسىلەر باشقا خىل ئورۇندا ئىشلەتكىلى بولامدۇ - يوق؟ بۇ نەرسە ئارقىلىق باشقا خىلمۇخىل شەكىللەرگە ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ - يوق؟ چوڭايتىش — بۇ نەرسە ئۈستىگە يەنە بىر ئاز نەرسىلەرنى قوشۇشقا بولامدۇ؟ ئەگەر سەل ئېگىز، سەل ئۇزۇنراق، سەل قېلىنراق بولسا، قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ كىچىكلىتىش — بۇ نەرسىنى ئازراق كىچىكلەتسە قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ تۆۋەنرەك قويۇپ، قىسقىراق قىلىپ، يېنىكرەك قىلسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ ئالماشتۇرۇش — بۇ خىل نەرسىلەر بولمىغان ئەھۋالدا ئۇ خىل نەرسىلەرنى ئىشلەتسەك بولامدۇ؟ قايتىدىن قۇرۇش (تەشكىللەش) — ئۆزئارا تەتۈر قىلىپ قويغاندا قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ چىقىدۇ؟ ئەسلىگە قايتىپ كېلەمدۇ — يوق؟ گۇرۇپپىلاش — بۇ خىل نەرسىلەر بىلەن ئۇ خىل نەرسىلەرنى گۇرۇپپىلىغاندا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ دېگەندەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلارنىڭ تەتۈر يۆنىلىش تەپەككۇرىنى قانداق مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki