UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن شالدىراق قۇيرقلۇق يىلاننىڭ قۇيرۇقى ئاۋاز چىقىرالايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن شالدىراق قۇيرقلۇق يىلاننىڭ قۇيرۇقى ئاۋاز چىقىرالايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان ئامېرىكا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلۇقىدا پەيدا بولغان زەھىرى ئىنتايىن ئۆتكۈر قورقۇنچلۇق يىلان بولۇپ، سارغۇچ يېشىل بەدىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم مېتىر كېلىدۇ، باشقا يىلانلاردىن قۇيرۇقى <شالدىر - شالدىر> قىلىپ ئاۋاز چىقىرالايدىغانلىقى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ، ئۇ چىقارغان ئاۋاز سۇنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىغا ئوخشىشىدۇ. ئۇنداقتا ئۇنىڭ قۇيرۇقى قانداق قىلىپ ئاۋاز چىقىرالايدۇ. بۇنى بىلىشتىن ئىلگىرى بىز پۇشتەكنىڭ تۈزۈلۈشىنى بىلىپ باقايلى. پۇشتەكنىڭ مىس قېپى بولۇپ، ئىچىگە ئورنىتىلغان نېپىز بىر قەۋەت پەردە ئىككى بوشلۇقنى شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ. بىز پۇشتەكنى كۈچەپ پۈۋلىگىنىمىزدە پۇشتەك ئىچىدىكى ھاۋا كۈچلۈك تىترەيدۇ - دە، ئاۋاز پەيدا بولىدۇ. شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلاننىڭ قۇيرۇقىنىڭ تۈزۈلۈشىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئوخشاشمايدىغان يېرى شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلاننىڭ قۇيرۇقىنىڭ سىرتقى قېپى مىس بولماستىن، بەلكى قاتتىق تېرىدىن شەكىللەنگەن مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋەت. مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋەتى چوڭ بىر بوشلۇقنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئىچىدە يەنە مۈڭگۈز ماددىلىق پەردىدىن ھالقىسىمان ئىككى بوشلۇق شەكىللەنگەن. بۇ ھاۋا تىترەتكۈچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان قۇيرۇقىنى كۈچەپ پۇلاڭلاتقاندا، قۇيرۇقىدىكى كىچىك ھاۋا قاپقىقىدا ھاۋا ئېقىمى پەيدا بولىدۇ، ھاۋا ئېقىمىنىڭ كىرىپ - چىقىشىغا ئەگىشىپ تىترەش ھاسىل بولۇپ ئاۋاز پەيدا بولىدۇ." شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان سۇنىڭ شىلدىرلىشىغا ئوخشىشىدىغان ئاۋازنى چىقىرىش ئارقىلىق، ئۇسسىغان ئۇششاق ھايۋانلارنى تورغا چۈشۈرىدۇ، مانا بۇ ئۇنىڭ ئوۋ ئوۋلاشتىكى بىر خىل ۋاستىسى.
← بارلىق تېمىلار نەمە