نېمە ئۈچۈن يىغلىغان ھامان كۆتۈرمەسلىك كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق يىغلىغاندا، ئاتا - ئانىلار ئالدى بىلەن يىغلاش سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش ھەرگىزمۇ يىغلىغان ھامان كۆتۈرۈۋالماسلىق كېرەك. چۈنكى بۇنداق قىلىش بوۋاقنىڭ ياخشى ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىسىز. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى 20 سائەت ئەتراپىدا بولۇپ، يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتى بوۋاق ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ كاپالىتى. ئەگەر بوۋاق يىغلىغان ھامان كۆتۈرۈۋالغاندا، كۆتۈرۈشكە نىسبەتەن بېقىنىش پسىخىكىسىنى يېتىلدۈرۈۋېلىپ، ياخشى، مۇستەقىل، تەرتىپلىك ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىسىز. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق كۆتۈرۈشكە نىسبەتەن بېقىنىش پسىخىكىسىنى يېتىلدۈرۈۋالغاندا، ئانا چوقۇم بوۋاقنى ئۇزۇن ۋاقىت كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ. بالا كۆتۈرۈلگەندە ئۇنىڭ ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىغا چۈشىدىغان بېسىم ئېغىر بولۇپ، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئاسانلا ھەزىم ناچارلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يىغلاشنىڭ ئۆزىلا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بىر خىل ئاساسلىق ھەرىكەت ئۇسۇلىدۇر. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار يىغلىغاندا بارلىق ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ھەرىكەت ھالىتىدە بولۇپ، پۇت - قولىمۇ تەڭ ھەرىكەتلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، يىغلاش بوۋاقلار مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا، سۆڭەك ۋە مۇسكۇللارنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. شۇڭا، بوۋاقلارنىڭ نورمال يىغلىشىغا نىسبەتەن ئاتا - ئانىلار جىددىيىلىشىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. مۇۋاپىق ھالدا بوۋاقنى يىغلىغىلى قويغاننىڭ ھېچ زىيىنى يوق. لېكىن بىنورمال يىغلىسا ياكى يىغلاپ توختىمىسا چوقۇم دىققەت قىلىپ، ۋاقتىدا سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش لازىم.