UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ ئابستراكت بوشلۇق ئورنىنى چۈشىنىشكە قانداق ياردەم بېرىش كېرەك؟

بالىلارنىڭ ئابستراكت بوشلۇق ئورنىنى چۈشىنىشكە قانداق ياردەم بېرىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئورۇن تەرەپ سەزگۈسى بولسا ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆزىگە خاس ياكى شەيئىلەرنىڭ تۇتقان ئورنى ۋە يۆنىلىشىگە بولغان ئىنكاسىدىن ئىبارەت. مەسىلەن: يۇقىرى - تۆۋەن، ئالدى - كەينى، ئوڭ - سول قاتارلىق سېزىملىرى، تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئورۇن سەزگۈسى بىر خىل تەرەققىيات جەريانىدا تۇرىدۇ. تۆت ياشلىق بالىلار ئالدى - كەينى تەرەپنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈشكە باشلايدۇ. ئوڭ - سول تەرەپنى پەرقلەندۈرۈشكە بىر ئاز قىينىلىنىدۇ. بەش ياشلىق بالىلار ئۆزىنىڭ بەدىنىنى مەركەز قىلىش ئارقىلىق ئوڭ - سول تەرەپنى پەرقلەندۈرۈشكە باشلايدۇ. ئالتە ياشلىق بالىلار ئوڭ - سولنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. شۇڭا، بالىلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئورۇن سەزگۈسىنىڭ تەرەققىيات تەرتىپىگە ئاساسەن توۋەندىكىدەك مەشىقلەرنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ: 1. ئويۇننىڭ شەكىل تەرتىپىدىن پايدىلىنىپ ئاستا - ئاستا ئېلىپ بېرىش. بالىلارغا ئالدى بىلەن ئاستى - ئۈستى، ئالدى - كەينى، ئەڭ ئاخىرىدا ئوڭ - سولنى تونۇتۇش كېرەك. مەسىلەن: <قاراڭ كەلدۇق> دېگەن ئويۇن ئارقىلىق مەشىق قىلدۇرسا بولىدۇ. يەنى سىز ۋە بالىڭىز بىردىن ئويۇنچۇقنى ئېلىپ (ئەڭ ياخشىسى كىچىك ھايۋانات، ماشىنا، پويىز قاتارلىق ھەرىكەتلىنىدىغان ئويۇنچۇق بولسۇن) سىز ئالدىدا، بالىڭىز كەينىدە تۇرۇپ ئويۇنچۇقنى ئېلىپ ئۆيگە قاراپ مېڭىش. ئاندىن بالىغا ئويۇنچۇقنىڭ نەگە كەلگەنلىكىنى دېگۈزۈش كېرەك. 2. بالىنىڭ ئۆزىنىڭ بەدىنىدىن پايدىلىنىپ تەربىيە ئېلىپ بارسا بولىدۇ. بالىغا ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئوڭ - سول تەرىپىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئاندىن قەدەممۇقەدەم شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئوڭ - سول تەرەپنىڭ قارىمۇقارشىلىقىنى تونۇتۇش. ئائىلە باشلىقلىرى بالىلار بىلەن <ئوڭ - سولنى ئايرىش> ئويۇنىنى ئوينىسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: ئائىلە باشلىقى <ئوڭ قولىڭىزنى كۆتۈرۈڭ> <ئوڭ پۇتىڭىزنى مىدىرلىتىڭ> <سول قولىڭىزنى تۇتۇڭ> دېگەندەك ئاغزاكى بۇيرۇقنى بېرىپ، بالىغا بۇيرۇق بويىچە مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك. 3. كۈندىلىك تۇرمۇشقا بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىتىش. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بالىلارنى دائىم سىرتقا ئەگەشتۈرۈپ، كەڭ تەبىئەت قوينىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىمىز. خىلمۇخىل غىدىقلىنىشلار ئارقىلىق بالىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، پائالىيەت جەريانىدا بالىدا ئورۇن - تەرەپ ئۇقۇمىنى باشتىن كەچۈرگۈزۈش. مەسىلەن: بالا بىلەن سەيلە قىلىۋاتقاندا، <مەن سىزنىڭ ئالدىڭىزدا، سىز مېنىڭ كەينىمدە، بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى بىنا> دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئورۇن، تەرەپ ئۇقۇمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. 4. ئويۇنچۇقنى گەۋدىلەندۈرۈشتىن مەقسەتلىك ھالدا ئورۇن تەرەپ ئۇقۇمىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، ئويۇنچۇقنىڭ گەۋدىلىنىشى ئاساسلىقى بالىنىڭ جىسىملارنىڭ ئوڭ - سول ئوتتۇرىسىدىكى نىسپىي مۇناسىۋىتىگە بولغان چۈشەنچىسى. مەسىلەن: بالىنىڭ ئالدىغا بىر كىچىك ئويۇنچۇق كۈچۈكنى، بىر سېرىق قونچاقنى قويۇپ، بالىغا كۈچۈك بىلەن قونچاقنىڭ ئوڭ تەرىپىنى ۋە سول تەرىپىنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگەتسە بولىدۇ. يەنە ئوخشاش شەكلىدىكى كۆپ خىل ئويۇنچۇقلاردىن پايدىلانسىمۇ بولىدۇ. ئورۇن - تەرەپ ئۇقۇمى ئابستراكت بولغانلىقى ئۈچۈن، بالىلار ئۆگىنىش جەريانىدا يەككە تەپەككۇرنىڭ چەكلىمىسىگە، تەجرىبە ۋە بىلىش تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئىنتايىن چوڭ يەككە پەرقكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئائىلە باشلىقلىرى زىيادە ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە