بوۋاقلار ئۇخلىغاندا كۆپ تەرلەشنىڭ ئۆزىكالتسىي كەملىك بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بەزى بوۋاقلار ئۇخلىغاندا بەك كۆپ تەرلەپ ھەتتا ئىچ كىيىمىنىمۇ ھۆل قىلىۋېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاتا - ئانا بوۋاقنى كالتسىي كەم دەپ بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بوۋاقلار ئۇخلىغاندىن كېيىن كۆپ تەرلەش نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە. بوۋاق دەل ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە بولۇپ، ماددا ئالمىشىش ئىنتايىن يۇقىرى پەللىدە، ھاسىل قىلغان ئىسسىقلىقى كۆپ، تېرىدىكى قان تومۇرلار كۆپ، تەرلەش بەدەندىكى ئىسسىقلىنىڭ تارقىلىشىغا ياردەم قىلىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە تەر بەدەن ئىچىدىكى ماددا ئالمىشىش ھاسىل قىلغان كېرەكسىز ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىپ، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق. بەدەننىڭ تەرلىشىنى مەركىزىي نېرۋا كونترول قىلىدىغان بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى تېخى مۇكەممەل يېتىلىپ بولالمىغانلىقتىن، ئۇخلىغاندا سىمپاتىك نېرۋىدا قىسقا ۋاقىتلىق غىدىقلىنىش كېلىپ چىقىپ ئاسانلا كۆپ تەر چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، بوۋاقلارنىڭ كىيىمى ۋە يېپىنچىسى بەك قېلىن، مۇھىت تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولسىمۇ بوۋاق كۆپرەك تەرلىشى مۇمكىن. شۇڭا بوۋاق پەقەتلا كۆپ تەرلەپ باشقا ئەھۋاللىرى ياخشى بولسا، كالتسىي كەملىكنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن كىچىك. لېكىن ئەگەر كۆپ تەرلىگەندىن سىرت، بوۋاقتا يەنە ياخشى ئۇخلىيالماسلىق، چۈچۈپ كېتىش، گەجگە قىسمىدىكى چېچى چۈشۈپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىللە كەلسە كالتسىي كەملىك ئېھتىماللىقى بولۇپ ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈپ داۋالاش كېرەك