كېپىنەك بىلەن پەرۋانىنىڭ قانداق پەرقى بار؟
نېمە ئۈچۈن
كېپىنەك بىلەن پەرۋانە مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن بىر جۈپ <ئاچا - سىڭىللار> دۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرق بار دەپ سورالسا، نۇرغۇن كىشىلەر ھېچقانچە ئويلانمايلا. كېپىنەك چىرايلىق، ئۇچالايدىغان گۈلگىلا ئوخشىشىدۇ. پەرۋانىنىڭ رەڭگى تۇتۇق بولۇپ، ئانچە چىرايلىق ئەمەس دەپ جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ جاۋاب توغرا ئەمەس.
ئۇنداقتا، كېپىنەك بىلەن پەرۋانىنىڭ قانداق ماھىيەتلىك پەرقى بار؟ ئۇلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ھەقىقەتەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئەمما ئىنچىكىلەپ كۆزىتىدىغان بولساق، مۇنداق تۆت چوڭ جەھەتتىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى بايقايمىز.
بىرىنچى پەرقى: كېپىنەكنىڭ مۈڭگۈزى ئىنچىكە تاياققا ئوخشىشىدۇ، ئۇچى سەل تومراق ھەم يۇمىلاق بولىدۇ؛ پەرۋانىنىڭ مۈڭگۈزى ئىنچىكە يىپقا ياكى پەيگە ئوخشىشىدۇ.
ئىككىنچى پەرقى: كېپىنەكنىڭ قانىتى كەڭ ھەم يوغان بولىدۇ. گۈل - گىياھلارغا قونۇپ ئارام ئالغاندا، قانىتى جۈپلىنىپ تىك تۇرىدۇ؛ پەرۋانىنىڭ قانىتى تارراق ھەم كىچىكرەك بولىدۇ، ئارام ئالغاندا، يېيىلىپ تۇرىدۇ.
ئۈچىنچى پەرقى: كېپىنەكنىڭ قورسىقى ئورۇقراق ھەم ئۇزۇنراق بولىدۇ؛ پەرۋانىنىڭ بولسا تومراق ھەم قىسقىراق بولىدۇ.
تۆتىنچى پەرقى: ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىدە ئىپادىلىنىدۇ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كېپىنەكلەر كۈندۈزى سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ پەرۋانىنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى كۈندۈزى ئارام ئېلىپ ئاخشىمى ھەرىكەت قىلىدۇ.