UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھامىلىدار ئاياللار سامساق يېسە قانداق پايدىسى بار؟

ھامىلىدار ئاياللار سامساق يېسە قانداق پايدىسى بار؟

نېمە ئۈچۈن سامساق كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك يېمەك - ئىچمىكىدىكى مۇھىم ئارىلاشما ماتېرىيال ۋە تېتىتقۇ بولۇپ، ئۇ بېلىق پۇرىقى قاتارلىق غەيرىي پۇراقلارنى يوق قىلىپ، تاماقنىڭ پۇرىقىنى مېزىلىك، تەمىنى تاتلىق قىلىدۇ. ھازىر، سامساقنىڭ رولى بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ۋە قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، 500 گرام سامساقنىڭ تەركىبىدە 6.6 گرام ئاقسىل، 3.0 گرام ماي، 6.3 گرام شېكەر بار ئىكەن شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان مىنېرال ماددىلار ۋە ۋىتامىن بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، سامساقنىڭ تەركىبىدە مىكروبلارنى ئۆلتۈرىدىغان ئېلېمېنت بار بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ۋىرۇس ۋە باكتېرىيىلەرنى يوقىتىش رولىغا ئىگە. 0.05% سامساقتا سۇ ئېرىتمىسى بولۇپ، بەش مىنۇت ئىچىدە خىلمۇخىل باكتېرىيىلەرنى ئۆلتۈرەلەيدۇ. سامساقنى ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە چايناپ بەرسە، ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سامساقتا قارشى تۇرغۇچى زەمبۇرۇغ بولۇپ، قۇرتقا تاقابىل تۇرۇش رولىغا ئىگە. يەنە بىر تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، دائىم سامساق يەپ بەرسە، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىپ، قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جىگەر قېتىشىشنى ياخشىلاش، ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رولى بار ئىكەن. شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللار سامساق يېسە، تەن سالامەتلىكىگە پايدىلىق. ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرى سامساق يەپ ئادەتلەنگەنلەر داۋاملىق سامساق يېسە بولىدۇ. بىراق، ئارتۇق يەپ، ئاشقازان - ئۈچەينى غىدىقلاپ، ماس كەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنىشى ئاشقازان، 12 بارماق ئۈچەي يارىسىغا گىرىپتار بولغانلار سامساقنى ئاز يېيىشى كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە