UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئانا - بالا بىللە ئۇخلاشنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئېمتىشىكە قۇلايلىق بولۇش ئۈچۈنمۇ؟

ئانا - بالا بىللە ئۇخلاشنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئېمتىشىكە قۇلايلىق بولۇش ئۈچۈنمۇ؟

نېمە ئۈچۈن بەزى بالىلار توختىماستىن ئېمىپ، ئانىنىڭ قۇچىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، ھەتتا ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتىمۇ شۇنداق. بالا دائىم ئانىنىڭ قۇچىقىدا بولۇشنى خالايدۇ، شۇڭا ئۇ ئۆزى يالغۇز بالىلار كارىۋىتىدا ئۇخلاشنى خالىمايدۇ ياكى بىر - ئىككى سائەت ئۆتسىلا ئويغىنىپ، ئانىسى ئېمىتسە ئاندىن ئۇخلايدۇ. ئەگەر بالا ئۆزىنىڭ كارىۋىتىدا ياكى بۆشۈكىدە ئۇخلىسا، ئاتا - ئانىسىنىڭ كارىۋىتى بىلەن بولغان ئارىلىقى يېقىن بولسىمۇ، ئانا كېچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، بالىنى ئېمىتىش كېرەك. بۇ نۇرغۇنلىغان ئانىلارغا نىسبەتەن خۇشاللىنارلىق ئىش ئەمەس، ئانا - بالىنى بىر كارىۋاتتا يېتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشمۇ بۇنى ھەل قىلىشتىكى ياخشى ئۇسۇل. بالا ئانىنىڭ يېنىدا ئۇخلىسا، بالىنىڭ ئەمگۈسى كەلگەندە ئانا ئۆرۈلۈپلا ئېمىتسە بولىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە