نېمە ئۈچۈن جۇڭيى دورىسى يېگەندە <پەرھىز تۇتۇش> كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
جۇڭيى دورىسى يەۋاتقان مەزگىلدە، دوختۇر ھەمىشە بىمارلارغا قانداق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولىدىغانلىقىنى، قانداق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، جۇڭيى دوختۇرلىرىدا بىمارنى داۋالىغاندا، دىئالېكتىك داۋالاشنى يولغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئومۇمىيلىققىمۇ، دائىرىگىمۇ تەڭ ئېتىبار بېرىدۇ. مەسىلەن، <مۆتىدىل> دورىلار ئارقىلىق سوغۇقتىن بولغان ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى داۋالىغاندا، خام ۋە سوغۇق نەرسىلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ. <ئىسسىقلىقنى قايتۇرىدىغان> دورىلار بىلەن ئاشقازان كېسىلىنى داۋالىغاندا، ئاچچىق، مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ؛ ئادەمگىياھ، قانتېپەرلەرنى يېگەندە، تۇرۇپ، كۆك پۇرچاقلارنى يېيىشكە بولمايدۇ، چۈنكى، ئۇلارنىڭ دورىلىق خاراكتېرى ئوخشاش بولمايدۇ، دورىلىق ئۈنۈمىمۇ قارىمۇ قارشى.
شۇنىڭغا ئوخشاش، سەدەپ قېپى، چىلان، سوغىگۈل، تىزغالارنى يېگەندە، چاي ئىچمەسلىك كېرەك. چۈنكى چاي تەركىبىدە زور مىقداردا تاننىك بار، ئۇ ئاسانلا يۇقىرىقى دورىلار بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ، دورىلارنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. يەنە ئالايلى، زىققە ۋە ئاللېرگىيىلىك تېرە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغانلار توخۇ، بېلىق، قىسقۇچپاقا ۋە راك قاتارلىقلارنى يېسە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە غەيرىي ئاقسىل بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ئادەم تېنىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ.
جۇڭيى تېبابىتىنىڭ <پەرھىز تۇتۇش> نەزەرىيىسى ئۇزاق مۇددەتلىك كلىنىكىلىق داۋالاش ئەمەلىيىتىدە تولۇقلانغان ۋە بېيىغان بولۇپ، مەلۇم ئىلمىيلىققا ئىگە، كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىمۇ ئاكتىپ ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەمما <پەرھىز تۇتۇش> مۇتلەق ئىش ئەمەس، بەزى كىشىلەر <پەرھىز تۇتۇلىدىغان> يېمەكلىكلەرنى يېسە كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا، بىمار ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا، بەدەن قۇۋۋىتىگە، ئىستېمال قىلىۋاتقان دورا ۋە ئۆزىنىڭ بەزى يېمەكلىكلەرگە بولغان سەزگۈرلۈكىكىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ ئويلاشسا بولىدۇ. يېمەكلىك نېمىلا دېگەنبىلەن ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك ئوزۇقلۇقنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى، كۆپ چەك قويۇلسا، ئادەمنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ساغلاملىقنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىسىز.