يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى <ھەيز> كېسەللىكمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بەزى قىز بوۋاقلار تۇغۇلۇپ بەش كۈندىن يەتتە ئەتراپىدا، جىنسىي يولدىن ئاز مىقداردا قان خاراكتېرىدىكى ئاجرالمىلار ياكى يېپىشقاق سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىدۇ، بۇ ئانا تېنىدىكى ئانىلىق ھورموننىڭ ھامىلىدار مەزگىلىدە بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلە تېنىگە كىرگەنلىكتىن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى تېز ئۆسۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانىلىق ھورمون تۇيۇقسىز توختاپ قېلىپ، بوۋاقنىڭ بالىياتقۇ ۋە جىنسىي يول ئېپىتېلىيە توقۇلمىسى تۆكۈلۈپ، جىنسىي يول ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىۋېتىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. تېبابەتتە بۇ <ساختا ھەيز> دېيىلىپ، نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسىگە تەۋە. ئادەتتە بىر ھەپتىدىن ئۈچ ھەپتىگىچە داۋاملىشىپ ئۆزلۈكىدىن توختاپ قالىدۇ، ھەر قانداق تەدبىر قوللىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ جىنسىي يولىدىن چىققان قان مىقدارى كۆپ بولسا ياكى بىر ۋاقىتتا باشقا ئورۇنلاردىنمۇ قان چىقسا، بۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قان چىقىش كېسەللىكى بولۇپ، دوختۇرخانىدا داۋالىتىش كېرەك.