UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ <كېكەچلەش> كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

بالىلارنىڭ <كېكەچلەش> كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ <كېكەچلەش> كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، كېكەچ بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، توغرا دىئاگنوز قويۇش، ئەملەش ئوكۇلى ئۇرۇپ ئالدىنى ئالغاندىن سىرت، خىلمۇخىل يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ بالىلارنىڭ تىل ئىقتىدارىنىڭ شەكىللىنىشىگە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش ۋە بالىلارغا تىل ئىقتىدارىنىڭ شەكىللىنىشىگە پايدىلىق بولغان ياخشى مۇھىتنى يارىتىپ بېرىش كېرەك. 1. بالىلارغا سۆز ئۆگەتكەندە، سەۋرچانلىق بىلەن ئۆگىتىپ، بالىلارنىڭ دېمەكچى بولغان سۆزىنى تولۇق دېيىشىگە رىغبەتلەندۈرۈش، ھەرگىزمۇ بالىلارنى سۆزلەشكە قىستىماسلىق كېرەك. بولمىسا <مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش> تەك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. 2. بالىغا بېسىم پەيدا قىلىپ، جىددىيلەشتۈرۈۋەتمەسلىك كېرەك. 3. بالىلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت كېكەچ كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش، ئەگەر ئائىلىدىكى مەلۇم بىر كىشى كېكەچ بولسا، ئەڭ ياخشىسى بالىلار بىلەن سۆزلەشمەسلىكى، سۆزلەشكەندىمۇ گېپىنى توغرىلاپ سۆزلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، سەۋرچان بولۇپ، بالىنى ئاستا - ئاستا ئۆگىنىش جەريانىغا كىرگۈزۈپ، بالىنىڭ دىققىتىنى بۇراش، تىل ئۆگەتكەندە ئازادە، خۇشال كەيپىيات ئىچىدە ئۆگىتىش كېرەك. بالىلار ناخشىسىنى مەشىق قىلغۇزۇپ ئېيتقۇزۇشمۇ بالىنىڭ كېكەچ بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى ئۇسۇللارنىڭ بىرى، شۇنداقلا بالىلارنىڭ كېكەچلەش ئەھۋالى ئېغىر بولسا، مەخسۇس ئاپپارات ئارقىلىق تەكشۈرتۈش كېرەك. بالىلاردىكى كېكەچلىكنى داۋالىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ۋاقىت.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلارنىڭ <كېكەچلەش> كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki